دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-02-07 10:43:52

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كەچتە، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا ساليۇت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى، شەھەر ئاھالىلىرى بەس - بەستە ئۆيلىرىدىن چىقىپ ساليۇتلارنى تاماشا قىلىپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. □ ساۋ شىنجيا فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويناش، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، پانۇس سەيلىسى قىلىش، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش... 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كاتتا يۈەنشياۋ بايرىمى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جەم بولۇش تەبرىكلەندى، كىشىلەر مول، رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق يېڭى يىلغا بولغان گۈزەل ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىشەنچكە تولغان يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

ياڭراق داقا - دۇمباق ساداسى، ھەيۋەتلىك ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ياڭگېر ئۇسسۇلى... شۇ كۈنى، كورلىدا قۇياش پارلاپ تۇراتتى، خەلق مەيدانى ئەتراپىدا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. «كوچا ئويۇنى ئوينىلىپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەشپۈت شەھىرى»دىكى كوچا ئويۇنى بايرام كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. 14 كوچا باشقارمىسىدىن كەلگەن 39 ئويۇن قويۇش چاسا ئەترىتى شادىيانە دۇمباق ساداسىغا جور بولۇپ، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ، بۇ شەھەرگە خۇشاللىق، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بىر مەيدان خەلق ئۆرپ - ئادىتى كاتتا مەرىكىسى سوۋغا قىلدى.

كوچا ئويۇنى ئويناش، مۇز چىراغ سەيلىسى قىلىش، تاڭيۈەن يېيىش... شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۈەنشياۋ بايرىمىلىق 60 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى مول، رەڭدار بولدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرى كوچا ئويۇنى مۇسابىقىسى، ساليۇت كېچىلىكى، پانۇس كۆرگەزمىسى، ساليۇت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، چوڭ - كىچىك كوچىلار جەم بولۇش خۇشاللىقىغا تولدى؛ قار - مۇز بىلەن قاپلانغان «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى» ئالتاي شاد - خۇراملىققا چۆمدى، «قار - مۇز شەھىرىدە جەم بولۇپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈش» 13 - نۆۋەتلىك يۈەنشياۋ بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى ۋۇبەيلى. مەنزىرە كوچىسىدا قىزغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن پائالىيەتلەر نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى؛ ياڭگىر، كوچا ئويۇنى، پانۇس سەيلىسى، ساليۇت ئويۇنى... چۆچەك شەھىرىنىڭ «قۇتلۇق توشقان لوڭقىسى» ياڭگىر، كوچا ئويۇنى پائالىيىتى كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى؛ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر غول يوللىرىدا ئېسىل كوچا ئويۇنى ئوينالدى، 17 ۋەكىللەر ئەترىتىدىكى 800 دىن ئارتۇق كىشى ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، «چىراغ نۇرىدا چاقنىغان جۇڭخۇا بەخت - سائادەتكە تولغان ئاقسۇ» 2023 - يىللىق باھار بايرىمىلىق پانۇس كۆرگەزمىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈۋەتتى.

باغراش ناھىيەسىنىڭ يۈەنشياۋ بايرىمىلىق ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى ۋە كوچا ئويۇنى مۇسابىقىسىدە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويۇنى، سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كىيىم - كېچەك ۋە مىللىيچە كىيىم - كېچەك مۇسابىقىسى قوشۇلدى، بۇنىڭغا يەنە ساۋۇردېڭ ئويۇنى قاتارلىقلار سىڭدۈرۈلدى، ئارتىسلار ئىچىدە 60 - 70 ياشلىق ياشانغانلارمۇ، ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈرلەرمۇ بار.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتى 30 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ كوچا ئويۇنى پائالىيىتىدە ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، بەل دۇمباق ئۇسسۇلى قاتارلىق ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەت ئويۇنلىرى بار. «كوچا ئويۇنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مېنىڭ ئوينىغىنىم يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، ئاچا - سىڭىللىرىم بىلەن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق مەشىق قىلدىم!» بۇ ناھىيەنىڭ بۇزاق يېزىسى كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى مۇھەببەت قادىر قولىدىكى يەلپۈگۈچنى ئويناتقاچ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەر مىللەت ئامما بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، بىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل تەلپۈنۈشلىرىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك».

ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ شەھەردىكى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى بىلەن «يۈەنشياۋ بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى» پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى، خەلق ساقچىلىرى بىلەن ئاھالىلەر بىرلىكتە پانۇس ياساپ، يۇمىلاق يەلپۈگۈچ سىزىپ، يۈەنشياۋ يەپ نەق مەيدان شاد - خۇراملىققا چۆمدى؛ ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى، ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالتاي شۆبە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ، لاستى يېزىسى نوغايتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزدى.

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان پانۇسلار، قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتى ئىچىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش