دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-02-07 10:44:40

لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ؛ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ۋۇ كۇڭمىڭ، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇڭ تيەنيۈن، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى لۇەن رىچېڭ، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن دېڭ مىڭجياڭ، يىن فېيخۇ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى قوللىغانلىقىغا، ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى چوڭ رايونى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا نۇرغۇن ئالاھىدە ئەۋزەللىك ۋە شارائىتنى ھازىرلىغان، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتا يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە. ھازىر، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇۋاتىمىز. ھەرقايسى رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئۇنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەركەز قىلىنغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشىنى قارشى ئالىمىز.

ۋۇ كۇڭمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى روشەن، بوشلۇقى كەڭ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

خۇڭ تيەنيۈن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا - كەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىمىز.

لۇەن رىچېڭ، دېڭ مىڭجياڭ ۋە بىر قىسىم كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، مەردان مۇقىيىت، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش