ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى
داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى
داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى، يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ كوچا ئويۇنى ئويناش نەق مەيدانىدا داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. مىدۇڭ رايونىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى ۋە ئورگان، ئورۇنلاردىن كەلگەن 18 كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ نومۇرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوينالدى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى، ئېشەك مىنىش، يوغان باش قونچاق قاتارلىق نادىر نومۇرلار ئاممىغا باھار بايرىمى تۈسى قويۇق بولغان خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيەت كاتتا كۆرىكىنى سۇندى.
2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر كوچا ئويۇنى نەق مەيدانىدا، كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنلىكىنى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كوچا ئويۇنى ئەترەتلىرىنىڭ بايرام شادلىقىغا تولغان دۇمباق ئاۋازىغا جور بولۇپ، شادىيانە رىتىمغا ئەگىشىپ ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا چىققانلىقىنى كۆردى. «ئۈمىدكە تولغان دالا» دېگەن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرىدىكى كوچا ئويۇنى ئويناش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «راڭپىزا، شال باشىقى، تاتلىقياڭيۇ» قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شەكلىدە ياسالغان سەھنە جابدۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ مەيدان مەركىزىگە كىرىپ كەلدى.
«ياڭماۋگۇڭ بازىرىنىڭ راڭپىزىسى يىراق - يېقىنغا داڭلىق، ئۇلار راڭپىزا شەكلىدە ياسالغان سەھنە جابدۇقى بىلەن نومۇر ئورۇنلاپ، ئۆز جايىنىڭ خاس يېمەكلىكىنى تەشۋىق قىلدى.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىن كوچا ئويۇنى كۆرگىلى كەلگەن ۋاڭ جىلى يان تېلېفونىدا سىنغا ئالغاچ، خوتۇنى جاۋ شىنشىن بىلەن پاراڭلاشتى.
«بۇ بىر نەچچە يىلدا، بىز خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتۇق، كوچا ئويۇنىمىزدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نەتىجىلىرىمىزنى نامايان قىلدۇق» دېدى ئويۇن قويۇش ئەترىتى قاتارىدا خۇشال سەكرەپ ئويناۋاتقان ئارتىس ئەلفەر جۈرئەت. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياڭماۋگۇڭ بازىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، ئەلا سۈپەتلىك شال تېرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شالنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى؛ «ياڭماۋگۇڭ سەنلياڭ» خاس يېمەك - ئىچمەك كەسپىنى تايانچ قىلىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى؛ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن «نيۇخۇڭخۇڭ» تاتلىقياڭيۇسى، «تيەنمىمى» ئالمىسى قاتارلىق خاس ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
بىر ئەترەت نومۇر ئورۇنلاپ بولۇشىغا يەنە بىر ئەترەت سەھنىگە چىقتى. جاراڭلىق، ھەيۋەتلىك دۇمباق ئاۋازى ياڭرىدى، ئىككى شىر ئۇسسۇلى ئەترىتى يول ئاچتى، شىر شەكلى تولىمۇ ئوخشىتىلغان بولۇپ، بەئەينى شىرنىڭ ئۆزىلا ئىدى؛ ئارقىدىن ياڭگىر ئۇسسۇلى، سېرىك ئويۇنى، يۇمۇرىستىك ئويۇنلار ئوينالدى. مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرىنىڭ كوچا ئويۇنى ئەترىتى سەھنىگە چىقىشى بىلەنلا كۈلكە ۋە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، ئويۇن قويۇش ئەترىتىدىكى 70 نەچچە ياشلىق جاڭ جۈنيىڭنىڭ ئېشەككە مىنىش ئويۇنى نۇرغۇن تاماشىبىننىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«بۇ ئىككى يىلدا، سىياسەتلەر بارغانسېرى ياخشىلاندى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، بازار كوچا ئويۇنى ئويناش ئەترىتىنى ناھايىتى قوللاپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ تەربىيەلەپ يېتەكچىلىك قىلدۇردى، يېڭى كىيىم - كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بەردى، ياخشى كۈنلەردە ياخشى كەيپىياتىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.» جاڭ جۈنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر يىلى كوچا ئويۇنى ئويناشقا قاتنىشىدىكەن، شۇنداقلا ئۆزى بىلىدىغان كوچا ئويۇنى بىلىملىرى، ئۆرپ - ئادەت بىلىملىرىنى ياشلارغا سۆزلەپ بېرىدىكەن.