سانجى شەھىرى
مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ خۇڭتاۋ
2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرى جىرۇيشياڭ كىنو - تىياتىرخانىسى ئالدىدىكى كوچا ئويۇنى نەق مەيدانىدا، دۇمباقلار چېلىنىپ، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىلىپ، ئەجدىھالار ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە بۇ يىللىق سانجى شەھىرىنىڭ خەلق ئىچى كوچا ئويۇنى باشلاندى، سانجى شەھىرىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىن كەلگەن سەككىز كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكى 5000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما كوچا ئويۇنىغا قاتناشتى.
شۇ كۈنى ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كوچا ئويۇنى تۈرلىرىدىن باشقا، شەھەر - يېزىلاردىن كەلگەن خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى قاتارلىق 20 نەچچە مىللەتتىن بولغان ئامما خۇيزۇ مىللىتىنىڭ «خۇائېر»، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «مەشرەپ» ۋە قازاق مىللىتىنىڭ «قارا جورغا» قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كوچا ئويۇنىغا يۇغۇرۇپ، تاماشىبىنلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
«جۇڭگو قىزىل رېڭى» باشتىن - ئاخىر يۈەنشياۋ بايرىمى پائالىيىتىدىكى ئەڭ يارقىن رەڭ بولۇپ قالدى. سەنگۇڭ بازىرىنىڭ قىزىل بايراق چاسا ئەترىتى، ئەرليۇگۇڭ بازىرىنىڭ قىزىل كۆڭلەك چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىشى بىلەنلا تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئوچۇق رەڭلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈنلەرگە بولغان مەدھىيەسى ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى.
سانجى شەھىرى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكى بىر جۈپ ياشانغان ئەر - خوتۇن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى «ئىللىق كەچكى شەپەق ئىككى كىشىلىك گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىشىدىكەن. ئېرى ۋاڭ رېنجى 73 ياشتا بولۇپ، بۇ يىل سانجى شەھىرىنىڭ كوچا ئويۇنىغا قاتناشقان ئەزالار ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭ؛ خوتۇنى يەن شۇلەن بۇ يىل 69 ياش. ئەر - خوتۇن ئىككىلىسىنىڭ كوچا ئويۇنى ئويناشقا ئالاھىدە ئىشتىياقى بار.
«دادام ئىلگىرى كوچا ئويۇنى ئويناشتىكى مەدەنىيەت باشلامچىسى ئىدى، مەن كىچىكىمدىنلا ئاڭلاپ، كۆرۈپ چوڭ بولغان.» ۋاڭ رېنجى مۇنداق دېدى: «مەن 16 يېشىمدىن باشلاپلا كوچا ئويۇنىغا قاتناشقان، دەسلەپتە ياغاچ ئاياغتا مېڭىشنى ئۆگەنگەن، كېيىن ياڭگىر ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناشقا قاتناشتىم. سالامەتلىكىم يار بەرسىلا، مەن ئىزچىل قاتنىشىمەن».
سانجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى لى مۇنداق تونۇشتۇردى: سانجىنىڭ كوچا ئويۇنىدا ھەم ئەنئەنىۋى كوچا ئويۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قېلىنغان، ھەم ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ كوچا ئويۇنى ئۇسلۇبى قوبۇل قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سانجىدىكى ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈلۈپ روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. ھەر مىللەت مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلۇپ، سانجىنىڭ كوچا ئويۇنىدا ھەر مىللەت ئامما كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدىغان، گۈللەنگەن دەۋردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى تەدرىجىي بارلىققا كەلتۈرگەن.
لى لى مۇنداق تونۇشتۇردى: 1984 - يىلىدىن باشلاپ، سانجى شەھىرى ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى «يۈەنشياۋ بايرىمى»دا مۇسابىقە شەكلىدە خەلق ئىچى كوچا ئويۇنىنى قانات يايدۇرۇپ كەلدى، سانجى كوچا ئويۇنى سانجى شەھىرىنىڭ بىر يارقىن مەدەنىيەت نام كارتىسىغا ئايلاندى.
مەملىكەت بويىچە مەدەنىي يېزا - بازار − يۈشۇگوۋ بازىرىدىن كەلگەن كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ «قارا جورغا» چاسا ئەترىتى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ بازارنىڭ چيەنجىن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاۋ شۆخۇڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ كىشى بىرلىكتە سەپ تۈزدى، ئۇ دۇمباق چالدى، قىزى جاڭ چالدى، ئوغلى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىدى.
«ئائىلىمىزنىڭ يەرلىرى ئوبوروت قىلىندى، بالىلارنىڭمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتى بار بولدى، شۇڭا مەن ئۇلارنى بازاردىكى كوچا ئويۇنى ئەترىتىگە قاتناشتۇرۇپ، كوچا ئويۇنى ئويناش شەكلىدە قەلبىمدىكى بەخت ۋە ئازادىلىكنى ئىپادىلىدىم».
ئاشلى قازاق يېزىسى ۋەكىللەر كوماندىسى بۇ يىل سەككىز كوماندا ئىچىدىكى چارۋىچىلىق رايونىدىن كەلگەن بىردىنبىر كوچا ئويۇنى ئەترىتى. ئەترەتتىكى قازاق مىللىتى ئاممىسى ئۆز مىللىتىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل ئامىللىرىنى كوچا ئويۇنىغا يۇغۇرۇپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاشلى قازاق يېزىسى ئاگىن كەنتىدىكى 35 ياشلىق چارۋىچى جانىبېك سېرىك تۇنجى قېتىم كوچا ئويۇنى ئويناشقا قاتناشتى. ئۇ ئاقىنلار ئېيتىشىشى شەكلىدە قازاقچە «جار - جار» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، قازاق چارۋىچىلارنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى.
«ئائىلىمىزدە بەش جان بار، ئىلگىرى چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. دۆلەت يولغا قويغان ياخشى سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، مەن ھازىر بىر چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتىم، ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن» دېدى جانىبېك، «ھازىر ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق، مەن ئۆزۈمنىڭ مۇزىكا چېلىپ، ناخشا ئېيتالايدىغان ئالاھىدىلىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتكە مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، پارتىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىم ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن».