دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايون 2023 ـ يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-01-22 12:14:51

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2023 ـ يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، شەۋكەت ئىمىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ـ ساقچىلىرى، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم يولداشلارغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى دوستلارغا باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىدى. ھازىرقى شىنجاڭدا، تىنچ ـ ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەلب مۇجەسسەملىنىپ، ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئېشىپ، تولۇپ ـ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 ـ يىلى بېسىپ ئۆتكەن ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە مۇساپىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىنىڭ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق؛ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ بىزنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، ئىشلار تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچىمىز، غەيرىتىمىز ۋە كۈچىمىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، پەقەت بىز تولۇق، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلساق، چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدىغانلىقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتا، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ليۇ لىن، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئۈرۈمچىدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاكادېمىكلىرى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلارنىڭ، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە ھەرقايسى سەپتىكى ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار قاتارلىقلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش