دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-01-15 15:03:53

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار» (لايىھە)نى قاراپ چىقتى، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»نى قاراپ چىقتى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. يىغىندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 14تە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك جەھەتلەردىكى تەكلىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى قىيىن نۇقتىلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلار ھەمدە باشقا جەھەتلەردىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىش كېرەك. تەكلىپ بېرىشتە بىر ئىشقا بىر تەكلىپ بولۇش، مەزمۇنى ئىخچام، مېغىزلىق بولۇش، مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۇتۇش، تەكلىپلەرنىڭ تەرتىپى ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«لايىھە»دە تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش شەكلى، ئاساسىي تەلىپى، تەكشۈرۈپ تەكلىپ تۇرغۇزۇش شەرتى، تاپشۇرۇلۇش شەكلى ئېنىق بەلگىلەندى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپلەرنى يىغىش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى داۋاملىق تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تەۋەلىك بويىچە بېجىرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنى مەركەزلىك ھالدا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش