دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-12-09 12:14:45

ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىش ئۈچۈن

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا ۋە كۈچلۈك پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 ـ سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى جۇ تۇڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىلانى، ئويلىنىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى ھەم چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ تىك يۆنىلىشلىك ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تۆۋەن قاتلام تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ۋە قوغداش، سۇپا ئىقتىسادىدىن باج ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئارزۇسىنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىش، يۇقۇمنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك سۆزىدە بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قارىتا توغرا مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، بوران ـ چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بەردۇق، بولۇپمۇ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكىدا «ئىلمەكتىن چىقىپ كېتىش»كە تۈرتكە بولۇشى قاتارلىق خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇردۇق. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5تىن كۆپرەك ئېشىپ، يەرشارىۋى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ياخشى بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى ئون يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن ئون يىل بولدى. ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى يەرشارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ زورايدى، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى سىجىل ئاشتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش ۋە يۈزلىنىش خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش نامايان بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭقۇر، پۇختا بولدى، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى مەخسۇس دېموكراتىك نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، راۋان يول شەكلى ئارقىلىق 53 پىكىر ـ تەكلىپ بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا قارىتا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەمكارلىشىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش. ئىككىنچى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇششاق ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سالمىقى بار پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش. ئۈچىنچى، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى تەشكىللەپ، كادىرلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسى ۋە تەشكىلىي ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۇلىنىڭ مەڭگۈ پۇختا بولۇشىغا، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

شى تەيفېڭ، ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، خې لىفېڭ، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چېن شياۋگۇاڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، خۇاڭ رۇڭ، دوۋ شياۋيۈ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش