دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

قاتتىق قاردىن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلدى! پۈتۈن شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا كەڭ كۆلەمدە تۆۋەنلەيدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2022-11-25 12:30:54

  قار مەۋسۇمىدىن كېيىن

   سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جانلىنىشقا باشلىدى

  مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ھەپتە ئاخىرىغىچە

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆپ قېتىم قار ياغىدىكەن

  ھەمدە پات-پات ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىكەن

  مۆلچەرلىنىشىچە، ھەپتە ئاخىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا

  نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىكى قار مەنزىرىسى.

  مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ فوتوسى

پۈتۈن شىنجاڭدىن قارىغاندا

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يەنە داۋاملىق قار ياغىدىكەن

ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 15تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە

قاتتىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى سېرىق رەڭگە ئۆستۈردى ھەمدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا

ئازراق قار ياغىدۇ

بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى

تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا

ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ

ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى

 سانجى ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا

قاتتىق قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قېلىن قار ياغىدۇ؛

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم جايلاردا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇشامال ئېغىزلىرىدا 9 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدۇ.

     شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ قىسقا مەزگىللىك ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا:

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ھەم شىمالىي يانباغرى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياكى قاتتىق قېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

  11-ئاينىڭ 25-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى قىسمەن شەھەرلەرنىڭ كەلگۈسى يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايى ئەھۋالىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

ئۈرۈمچى

سانجى

تۇرپان

قومۇل

غۇلجا

ئالتاي

چۆچەك

قاراماي

شىخەنزە

كورلا

خوتەن

قەشقەر

ئاقسۇ

ئارال

بورتالا

نۇقتىلىق ئەسكەرتىش:

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمىدا داۋاملىق قار ياغىدۇ

ھەمدە قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قاتناش-تىرانسپورت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى

شەھەرلەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ

مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«تىيانشان تورى»ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش