دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

​بۇ يىللىق كۆمۈر سېتىش مىقدارىنى 70 مىليون توننىدىن ئاشۇردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-11-25 12:40:04

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى:

بۇ يىللىق كۆمۈر سېتىش مىقدارىنى 70 مىليون توننىدىن ئاشۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جۈكۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگە قەدەر، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق كۆمۈر سېتىش مىقدارى 70 مىليون 3000 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17 مىليون 688 مىڭ توننا ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %33.8 بولدى.

«تاۋار كۆمۈرنىڭ سېتىلىش مىقدارى 70 مىليون توننىدىن ئاشتى، بۇ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتنى سىجىل ئاشۇرۇش، تەمىنلەشنى سىجىل ئاشۇرۇش يولىدا يەنە بىر پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ توشۇش - سېتىش شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور چاڭ يىشۈن.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى كۆمۈرچىلىكتە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج بازىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ماركېتىڭ ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازار بوشلۇقىنى ئىگىلەپ، يېڭىدىن ئاشقان خېرىدارلار سانىنى كۆپەيتىپ، سېتىش مىقدارى ھەم بازارنى كېڭەيتىش دەرىجىسىنى قوش يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش، بىر قولدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى كان نۇقتىلىرىدا يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كۆمۈر سېتىش توختامىغا توردا ئىمزا قويۇپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا توشۇپ، سودىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئۇچراشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۆمۈريولنىڭ ۋاگونغا قاچىلاش سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى خۇڭشاچۈەن، جياڭجۈنمياۋ ۋوگزالى ئەتراپىدىكى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، تۆمۈريول تىرانسپورتىدىكى ۋاگونغا قاچىلاش نۇقتىلىرىنى تولۇقلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل ئارقىلىق توشۇشتىمۇ باشتىن - ئاخىر يۇقىرى زىچلىقتا ماسلاشتۇرۇشنى ساقلىدى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى يەنە كۆمۈر سېتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس خېرىدارغا مەخسۇس ئادەم بېكىتىپ، پىلاننى چىڭ كۆزلەپ، نەقلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، خېرىدارلار بىلەن بولغان ئالاقىنى سىجىل كۈچەيتتى، 11 - ئايدا ئۇدا نەچچە كۈن كۈندىلىك سېتىش مىقدارى 260 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش