دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىزدە توردا ئېلان چىقىرىپ ئېلېكتىرونلۇق باھا تالىشىش بويىچە تۇنجى يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرى تاماملاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-11-25 12:04:16

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى يېقىندا، كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى ۋىلايەتلىك ئاممىۋى بايلىق ئېلېكتىرونلۇق خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان دۆلەت ئىلكىدىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ پارچە يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سودىسىنى پۈتتۈردى، بۇ ۋىلايىتىمىزدىكى توردا ئېلان چىقىرىپ ئېلېكتىرونلۇق باھا تالىشىش شەكلىدە پۈتۈشكەن تۇنجى يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرى بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە پۈتۈن جەريانى ئېلېكتىرونلاشقان سودىلىشىشنىڭ ئىشقا ئېشىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى ئېلان چىقىرىپ ئۆتۈنۈپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك «ئالاقەت تورى +» دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرى پۈتۈن جەريانى ئېلېكتىرونلاشقان تور سودىسى بولۇپ، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى نەق مەيداندا باھا تالىشىش شەكلىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، تالىشىپ سېتىۋېلىش ئويى بارلار ئىشخانىدىن چىقماي، بىر كومپيۇتېر بىلەنلا تىزىملىتىشتىن تارتىپ باھا تالىشىشقىچە بولغان بارلىق مەشغۇلاتنى ئاسانلا تۈگىتەلەيدۇ، بۇ، سودا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تالىشىپ سېتىۋالغۇچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى بانكىدا كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش ھېساباتى تەسىس قىلىپ، بىر تالىشىپ سېتىۋالغۇچىنىڭ بىر كاپالەت پۇلى مەۋھۇم ھېساباتى بولۇش ۋە توردا باھا تالىشىش سىستېمىسىنى قوللىنىپ، تالىشىپ سېتىۋالغۇچى ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشنى تولۇق كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئىلكىدىكى يەر سودىسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەرقايسى تەرەپنىڭ سۇبيېكتلىق يۈكىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىپ، سودا مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قىلىش بىلەن بىرگە سودا ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىز قالدۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودا سۇبيېكتىنىڭ ئۇچۇرىنى تولۇق خاتىرىلەپ، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان، يۆنىلىشىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان، نازارەت قىلىشتا ئىز قالدۇرۇلغان مۇكەممەل ئۇچۇر زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم ئامىلىنىڭ ئارىلىشىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇپ، بازار مۇھىتىنى تېخىمۇ ئادىل، ئاشكارا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش