دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى ئون ئايدىكى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %11.2 ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-11-19 15:12:06

ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى جەمئىي 153 مىليارد 960 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليارد 560 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، تەبىئىي ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئاشقان، باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.8 ئاشقان، ئىككى تۈرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت پايدىسىنى تېز سۈرئەتتە قويۇپ بەردى، تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولۇپ، مالىيە كىرىمى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ باج كىرىمى جەمئىي 105 مىليارد 850 مىليون يۈەن تاماملىنىپ، ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش سىجىل ساقلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق تۈرىدىكى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايلىنىش ھالىتى ساقلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلغاچقا، بايلىق تۈرى، خىمىيە سانائىتى تۈرى ساھەسىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشىنىڭ تەڭ جانلىنىشىغا، مالىيە كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ زور كۆلەملىك قوشۇلما قىممەت بېجىدىن باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، تۈرلۈك كارخانىلار ئۈچۈن قايتۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋەتكەن باج سوممىسى 48 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 41 مىليارد 960 مىليون يۈەن كۆپ قايتۇرۇلدى. 6 - ئايدا، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان توققۇز جەھەتتىكى 46 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرنى چىقاردى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر 15 تۈرلۈك داۋاملاشما سىياسەت - تەدبىر ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر ئون تۈرلۈك سىياسەتنى چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بېرىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يوشۇرۇن باج مەنبەسى ۋە كېيىنكى باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن زاپاس كۈچ توپلىدى.

مالىيە چىقىمى جەھەتتە، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە داۋاملاشما سىياسەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى چىقىم سىجىللىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە بولغان چىقىم سالمىقىنى زورايتتى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىلگەن چىقىم 343 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %74.2ىنى ئىگىلىگەن، بۇ ئاساسىي مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سەھىيە - ساغلاملىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق قاتارلىقلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش