دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 178 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-11-16 12:42:21

ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36 ـ قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىسى قاراپ چىقىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلنۇر مەتسالى خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 178 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36 ـ قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتى ئەھۋالى، ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، 2021 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە باشقا مالىيە كىرىم ـ چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى؛ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتى ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش نىزامى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى، 2021 ـ يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يولغا قويۇش پىكرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش