ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يامان غەرەزدە ئېكراننى قاپلاپ ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان ئۈچ تىپىك دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى.
بۇ ئۈچ دېلو ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى لى Xنىڭ ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش دېلوسى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى خۇاڭ Xنىڭ ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش دېلوسى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى لى Xنىڭ ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش دېلوسىدىن ئىبارەت.
دېلوغا چېتىشلىق ئالاقىدار تەرەپلەر ياكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋاقىت جەدۋىلىنى توپلاپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزگىلىدە، باشقىلارنى يامان غەرەزدە ئېكراننى قاپلاشقا قۇتراتقان؛ ياكى گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزگىلىدە، يامان غەرەزدە ئېكراننى قاپلىغان ھەم باھا ئۇچۇرىنى ئۈزۈپ ئېلىپ قىسقا سىن ئارقىلىق تارقاتقان؛ ياكى گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىنكاس رايونىدىكى يامان غەرەزدە ئېكراننى قاپلىغان مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزمۇنىنى ئۆز مەيلىچە ئېكراندىن سىنغا ئېلىۋالغان ھەم قىسقا سىن سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى دوراشقا قۇترىتىپ، تور ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.
شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ توردىكى قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئاشكارىلىدى.
تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنداق قاتتىق ئەسكەرتىدۇكى، ئالاقە تورى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، يېقىنقى مەزگىلدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە يامان غەرەزدە ئېكراننى قاپلاپ تور ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز كەڭچىلىك قىلمايدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، پاكىز تور بوشلۇقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى پائال پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.
پاش قىلىش ئۇسۇلى:
تور ئادرېسى: www.xjwljb.com؛
تېلېفون نومۇرى: 2384777-0991؛
پوچتا ساندۇقى: jbzx@cax.gov.cn؛
ۋىيبو: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش؛
ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش؛
ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110؛
قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش