دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-11-16 12:47:27

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇ لۇپىڭ، بارشا تېگىس، دۇ جيەنخۇي

11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سۇجۇ يولى دوختۇرخانا رايونى 6 ـ كېسەل رايونىنىڭ مۇدىرى لۇ جىنشۇەي كوللېكتىپىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى جاڭ گاڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتتى. جاڭ گاڭنىڭ سىجىل قان دىيالىزى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ، دوختۇرخانا ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالىنىشى ئۈچۈن سېرىق كود دوختۇرخانىسى ئالاقىلىشىپ بەردى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە داۋالاش بايلىقى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىزىل كود دوختۇرخانىسى (بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا)، سېرىق كود دوختۇرخانىسى (خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان كىشىلەر توپى داۋالىنىدىغان دوختۇرخانا) ۋە يېشىل كود دوختۇرخانىسى (ئادەتتىكى دوختۇرخانا)دىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدە» قىلىنغان داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا يۆتكەپ دىياگنوز قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ داۋالاش

11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، يەڭگىگىنىگە تۆت ئاي بولغان، نەپەس قىيىنلىشىش، مۇسكۇل ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەچكە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى جاڭ يەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ICU (ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى)گە يۆتكەلدى. ئاغرىققا قارىتا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، شاڭخەي قاتناش داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1 ـ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې خۇي دەرھال دوختۇرخانىغا MDT (بىرنەچچە بۆلۈم بىرلىشىپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش)نى ئىلتىماس قىلدى.

قىزىل كود دوختۇرخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 11 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىدىن باشلاپ ئادەتتىكى، ئېغىر، خەتەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىساللىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى MDTنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار، مۇرەككەپ ئاساس كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشنى قانات يايدۇردى، دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈم ـ ئىشخانىلىرىدىكى تېببىي خادىملار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ھەربىر ئاغرىق خەتەردىن قۇتۇلدى.

بىرنەچچە بۆلۈم بىرلىشىپ كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر جاڭ يەننىڭ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزى توسۇلۇش ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. «بىز ئاشقازان يارىسى ئاغرىقتا ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، مېتابولىزم خاراكتېرلىك مېڭە كېسىلى، مۇسكۇل ئاجىزلىشىش ۋە نەپەس زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ ھۆكۈم قىلدۇق.» شيې خۇينىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئامال قىلىپ ئاغرىقنىڭ ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزى توسۇلۇپ قېلىشىنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىپ، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دوختۇرخانا ئوزۇقلۇق بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ جاڭ يەننىڭ ئوزۇقلۇقىنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرغان، «بىر نەچچە كۈن ئوزۇقلۇق جەھەتتە قوللاش ئارقىلىق، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزى توسۇلۇش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى».

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش جەريانىدا، بولۇپمۇ قان دىيالىزى قىلدۇرىدىغان ئاغرىقلار، بالىلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا، قىزىل كود دوختۇرخانىسى قاراتمىلىق ھالدا مەخسۇس كېسەللىك رايونى تەسىس قىلدى.

لۇ جىنشۇەي مەسئۇل بولغان كېسەل رايونى قان دىيالىزى قىلدۇرىدىغان مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ. ھەر قېتىم ئاغرىقلار دوختۇرخانىغا كىرگەندە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى 60 مىنۇت ئىچىدە ئاغرىقنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدۇ، قان ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئاپىرىدۇ، دورا بىلەن داۋالايدۇ، جىددىي دىيالىز قىلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، لۇ جىنشۇەي تېببىي خادىملارنى باشلاپ ياتاق تەكشۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشەپ، ئاغرىقلارنىڭ دۈم يېتىپ نەپەسلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆپكىسىنىڭ زەخمە ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

«بىزنىڭ ھەر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تامىقىمىز دوختۇرخانىنىڭ بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تاماق مەركىزى تەرىپىدىن مەخسۇس ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق دىيالىز قىلدۇرىدىغان ئاغرىقلارغا ماس كېلىدۇ.» تېببىي خادىملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن، جاڭ گاڭ تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتتى.

يېشىل يولنى راۋانلاشتۇرۇش

بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق 3 ـ خەلق دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بېكىتىلگەن سېرىق كود دوختۇرخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەۋپ ـ خەتىرى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىدىكى ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى. 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى، بۇ دوختۇرخانا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ھامىلىدار بولغىنىغا 42 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان، باش سۈيى Ⅲ دەرىجىلىك بۇلغانغان، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك كىندىك بېغى ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئەھۋالى خەتەرلىك ئىدى.

دوختۇرخانا دەرھال ھامىلىدارلار ـ تۇغۇتلۇق ئاياللار يېشىل يولىنى ئاچتى، تۇغۇت بۆلۈمى مۇدىرى سۈن شيۇلى كوللېكتىپنى باشلاپ جىددىي ھالدا ئۇنى قورساقنى يېرىپ بالىنى ئېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. لېكىن باش سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولغاچقا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدە تۇنجۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللىكلىرىنى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكەلدى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شياۋلى كوللېكتىپنى باشلاپ دەسلەپكى قەدەمدە ھوشىغا كەلتۈرۈش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالاشنى تېزدىن تاماملاپ، نەپەسلەندۈرگۈچ ئارقىلىق نەپىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، شۇك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۈتۈن كۆك قان تومۇردىن ئوزۇقلىنىشىغا ياردەم بېرىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق بىر قاتار داۋالاشلارنى ئېلىپ باردى، بالا ئاخىرى خەتەردىن قۇتۇلدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار يېشىل يولى ئېچىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇپ داۋالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى بويىچە، تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزدى، داۋالىدى.

10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە، كېسەلخانا رايونىدا ئاغرىق قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى قەدەممۇقەدەم ئەسلىگە كەلتۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى، ئەلالاشتۇردى، ھەرقايسى بۆلۈملەر كەسپىي تايانچلارنى كېسەل كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاغرىقلاردىكى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، ئوپېراتسىيە قىلىش، بولۇپمۇ خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلدى.

«ئەينى چاغدا دادامنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك، جىددىي ئىدى، ئەگەر دوستلۇق دوختۇرخانىسى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ داۋالىمىغان بولسا، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.» 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى لى ليەنجىنىڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا دېيىشىچە، 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئۇنىڭ دادىسى لى جىيىڭنىڭ ئۆپكىسىنىڭ ئىككى قانىتىدا پەيدا بولغان سۇلۇق قاپارتما ئوڭ تەرەپ مەيدىسىدە يەل تۇرۇۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدا، دوختۇرخانا دەرۋازىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى شۈ مىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان دادا ـ بالا ئىككىيلەننى كۆرگەن، «ئۇ دەرھال كېلىپ بىزدىن ئەھۋال ئىگىلەپ، تېببىي خادىملارنى چاقىرىپ بىزنى تېزلىكتە خېسۇەن تەكشۈرۈشى قىلدۇردى، يېشىل يول ئېچىپ، بىزنى دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىشقا ئورۇنلاشتۇردى».

ئارقىدىن، دوختۇرخانا لى جىيىڭنى جىددىي CTغا چۈشۈرۈش، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شۇ كۈنى كەچتە، ئوپېراتسىيە تاماملىنىپ، لى جىيىڭ خەتەردىن قۇتۇلدى، ئون كۈندىن كېيىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ئاساسىي داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش

11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ئورنىدا، كېسەل كۆرسەتكىلى بارغان ئاغرىقلار خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرتىپلىك ھالدا دوختۇرخانىغا كىرىپ كېسەل كۆرسەتتى. «دوختۇرخانىمىز يېشىل كود دوختۇرخانىسى، دەرۋازا ئالدىغا شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىككىلىك كودى چاپلانغان، ئاغرىقلار ساغلاملىق كودىنى سىكاننېرلىغاندىن كېيىن، 24 سائەت ئىچىدىكى خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسەتسە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولسىلا داۋالىنالايدۇ.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇيۈن چىمىك مۇنداق دېدى: ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇقسا، دوختۇرخانىمىز جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشى بىلەن، ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار دوختۇرخانا رايونىدا كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاشقا قوبۇل قىلىنغانلار ئۈچۈن كارىۋات سانىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆپەيتىپ، كارىۋات ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. «ئالاقە تورى + داۋالاش»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، توردا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، دورىلارنى ئالدىن كېلىشىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىپ، ئاغرىقلارنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا كېسەل كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، ئامبۇلاتورىيە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى ئاچتى، 86 مۇتەخەسسىسنىڭ مەسلىھەت بېرىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى، ئامما ئاغرىپ قالسا ياكى دورا ئىشلەتمەكچى بولسا تېلېفوندا ياكى توردا مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

«دوختۇرخانا 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن باشلاپ تور دوختۇرخانىسىدا مەسلىھەت بېرىشنى باشلىغاندىن بۇيان، 44 كەسپىي دوختۇر جەمئىي 4000دىن ئارتۇق سوئالغا جاۋاب بەردى. دوختۇرخانا سىن ياكى تور شەكلى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى»، دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما جۈنچى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش