دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

60 ياشقا كىرىپمۇ قېرىغىنىغا تەن بەرمەي، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغان سۈن شيەنرۇڭ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-11-16 12:29:49

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېڭ لېي)

  «مەيلى قانچە ياش بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، تەشكىل ئېھتىياجلىق بولسىلا، چاقىرغان ھامان تەييار بولىمەن.» بۇ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئەسلىدىكى شايار ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر سۈن شيەنرۇڭنىڭ جاراڭلىق سۆزىدۇر.

  سۈن شيەنرۇڭ بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مەھەللىدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىدە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئىلتىماس قىلىپ پىدائىي بولۇپ، ئاخىرقى قىزغىنلىقىنى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ غېمىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا بېغىشلىدى، ئۇنىڭ ئىش ھەرىكىتى كەڭ ئاھالىلەرنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا، سۈن شيەنرۇڭ باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ئۈستەل ـ ئورۇندۇقنى تىزىپ، چوڭ كاناينى ئېلىپ ئاھالىلەرنى بىنادىن چۈشۈپ خېسۇەن تەكشۈرتۈشكە توۋلىدى. بۇنداق مەنزىرىگە ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئاھالە چاقچاق قىلىپ، «ھەر كۈنى بىزنى ئويغىتىدىغىنى تاڭنىڭ يورۇشى بولماستىن، بەلكى ‹سۈن تاغا›نىڭ چوڭ كانىيى» دېيىشەتتى.

  شايار بازىرىنىڭ كاڭتەي مەھەللىسى ئاھالىسى ۋاڭ فېڭلياڭ سۈن شيەنرۇڭنى تىلغا ئېلىپ زوقلىنپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە تولىمۇ تونۇش، شۇڭا ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر ياشانغانلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى سۈن ئاكىنى «سۈن تاغا» دەپ چاقىرىمىز، ئائىلىدە بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقساقلا ئۇنى ئىزدەپ ھەل قىلىمىز.

  پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، تەسرەك ئىشقا يولۇققاندا ياكى ئادەم كۈچى يېتىشمىگەندە، سۈن شيەنرۇڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى توپىنى ئېسىگە ئالدى. سۈن شيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ جاپا چېكىۋاتىدۇ، ئادەم كۈچىمۇ كەمچىل، شۇڭا پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىدىن ياشانغانلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، بۇ ئارقىلىق مەھەللىگە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلالىشىمىزنى ئويلىدىم. ئۇ مەھەللە ئىچىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان كادىرلار كەينى ـ كەينىدىن ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىنا باشلىقى، دەنيۈەن باشلىقى، تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلىملىرى، سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاھالىلەرنى توپلاشماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشقا نەسىھەت قىلدى.

  كاڭتەي مەھەللىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ شيا مۇنداق دېدى: سۈن شيەنرۇڭ خىزمەتتە ناھايىتى ئىنچىكە، ئەستايىدىل، قايسى ئۆيدە توك قالمىدى، قايسى ئۆينىڭ سۈيى تۈگىدى، كىمنىڭ بالىسى ئاغرىپ قالدى، ئۇ ھەممىدىن خەۋەردار. ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئامالىنىڭ بارىچە ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بىز ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز.

  مەھەللە ئاھالىسى لوقمان نەمەتنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بولۇپ، بىر قېتىم يېرىم كېچىدە سۈن شيەنرۇڭغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنىڭ سەل ئۆرلەپ قالغانلىقىنى، تولىمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. سۈن شيەنرۇڭ تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى لوقمان نەمەتكە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

  لوقمان نەمەت مۇنداق دېدى: سۈن شيەنرۇڭ كىچىك ئىشلاردىن، ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، سۆز ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاممىنى تەسىرلەندۈردى، مەن ئۇنىڭدىن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئۇنىڭ تەسىرىدە، مەھەللىمىزدە بارغانسېرى كۆپ ياشلار پىدائىيلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.

  سۈن شيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: گەرچە ياشىنىپ قالغان، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالايمەن، بۇ بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش