ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا) 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش 1-سېپىدىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2022- يىللىق سەھىيە- ساغلاملىق تۈرىدىكى ئالىي ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش 1-سېپىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئۇنۋان ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.
2022- يىللىق سەھىيە- ساغلاملىق تۈرىدىكى ئالىي ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە، ئالاقىدار مايىللىشىش سىياسەتلىرى يەنە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش 1- سېپىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ شۇ يىللىق داۋاملىق تەربىيەسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش 1- سېپىدە خىزمەت قىلغان تارىخى ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغان تارىخقا باراۋەر بولىدۇ؛ ئالىي ئۇنۋان ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار سىنلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلىغاندا، يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش 1- سېپىدە تۇرۇۋات بولسا، شۇ يىللىق سىنلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ پەنلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشىدا، بىر نومۇردىن بەش نومۇرغىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ.
11- ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا جىددىي داۋالاش ئوپېراتسىيەسى پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى گۇرۇپپىسى ئاغرىقنىڭ يۈرىكىگە نەيچە كىرگۈزۈپ ئوپېراتسىيە قىلماقتا. سۈرەتنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تەمىنلىگەن
«بۇ سىياسەتنى بىلىپ قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى، بىز تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تېزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز.» دېدى كورلا شەھىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان بىر دوختۇر.
بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش سېپىدىكى كەڭ تېببىي خادىملار چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىدىن كېچىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەمەلىي ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىنىڭ ۋاقتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، ھەر بىر تېببىي خادىمنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرىدىن ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش، يېتەكلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 1- سەپكە ھەقىقىي ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، 1- سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. كەڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ 1- سېپىدە پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكلىدى.