دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭدىكى %95 تېرىلغۇ يەر ئورمان تورى ئارقىلىق قوغدالدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-11-15 10:51:56

«ئۈچ شىمالىي رايون» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بويىچە 44 يىل يېشىللىق بەرپا قىلىندى

شىنجاڭدىكى %95 تېرىلغۇ يەر ئورمان تورى ئارقىلىق قوغدالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: ھازىر، قابا ناھىيەسىنىڭ سار بۇلاق بازىرىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا جىغان كۆچىتى تىكمەكتە. يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يەردە يېشىل توسۇق شەكىللىنىپ، ئەتراپتىكى ئېتىز - ئېرىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى قوغدايدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1978 - يىلى ئېلىمىز «ئۈچ شىمالىي رايون» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن تارتىپ 44 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا جەمئىي 75 مىليون 538 مىڭ 400 مو ئورمان بىنا قىلىنغان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى %95 تېرىلغۇ يەر ئورمان تورى ئارقىلىق قوغدىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

«ئۈچ شىمالىي رايون» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، تارباغاتاي ۋىلايىتى لاۋفېڭكوۋ ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى دۇڭشەن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئىقتىسادىي ئورمىنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئورمانچىلىق بويىچە ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ۋە ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يەرلەرنىڭ چۆللىشىش، قۇملىشىش يۈزلىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. 6 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەر كۆلىمىنىڭ «قوش تارىيىشى» تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى كۆلىمى 4 مىليون 280 مىڭ موغا يەتتى، 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 82 ناھىيە (شەھەر) ئېتىزلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى، 45 ناھىيە (شەھەر) ئېتىزلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىشنى ئۆلچەمگە يەتكۈزدى، شىنجاڭدا ئېتىز ئىھاتە ئورمىنى، چوڭ تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان غول ئورمان بەلبېغى ۋە تەبىئىي چۆل ئورمىنىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بوستانلىق ئۇنىۋېرسال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، بوران، چاڭ - توزان، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئۈشۈك ئاپىتى قاتارلىق ناچار شارائىتلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بولغان تەسىرىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ شىمالىي رايون» ئىھاتە ئورمىنى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باغ - ئورمان تېرىلغۇ كۆلىمى 18 مىليون 500 مىڭ مو(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يېتىپ، يىللىق مېۋە ھوسۇلى 8 مىليون 640 مىڭ توننا بولدى، باغ - ئورمانچىلىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرىدىغان، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدىغان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش