دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-11-09 12:29:30

   سۇڭ يىفەن

  پارتىيە گۈللەنسە دۆلەت روناق تاپىدۇ، بايراق يۆنىلىشنى يېتەكلەيدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان، خەتەرلىك ۋە قىيىن دەقىقىلەردە جاننى تىكەلەيدىغان بولۇشى، بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈشى، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىشى كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەڭ قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكلەش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا ئۆتۈشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەردە پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى قىلچە ئىككىلەنمەي قارشى يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلەشنى تاللاپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن ئائىلىسىدىن كەچتى، ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى. كەڭ ئاممىنى ئىغۋا پەيدا قىلماسلىق، ئىغۋا تارقاتماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، باشلامچىلىق بىلەن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلىملىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى توغرا چۈشىنىش، پائال ماسلىشىش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  ھەرىكەت ئەڭ كۈچلۈك تۈرتكە، ئۈلگە كۆرسىتىش ئەڭ روشەن باشلامچىلىق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئالاھىدە مەزگىلىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىدا ياخشى تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلىنىشى، پارتىيە ئەزالىرى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ «قوغدىغۇچى»سى، ساغلاملىقنى تەكشۈرۈشنىڭ «پەرۋىشكار»ى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلىملىرىنىڭ «چۈشەندۈرگۈچى»سى، ئاھالىلەرنىڭ ئەخلىتىنى يىغىدىغان «تازىلىقچى»، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى» ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان «تەشۋىقاتچى»غا ئايلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق مۇستەھكەملىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش