دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«مەن پارتىيە ئەزاسى، ماڭا ئەگىشىڭلار»
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-11-09 12:31:47

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى «مەن پارتىيە ئەزاسى، ماڭا ئەگىشىڭلار.» بۇ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار، ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرغاندا ئەڭ كۆپ ئېيتىلغان بىر جۈملە سۆزدۇر.

  يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش جەريانىدا، ساقساق كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ئولتۇراق رايون، بىنا، ئائىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرە سىستېمىسى بەرپا قىلدى ھەم پارتىيە ئەزالىرى چارلاپ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، پارتىيە بايرىقىنى ئەڭ ئالدىدا جەۋلان قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئالدىنقى سەپكە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قەيەردە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى بولسا، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىيماسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «مەن پارتىيە ئەزاسى، شۇڭا سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشۇم كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلىيەلىسەكلا، قانچىلىك جاپا چەكسەممۇ، قانچىلىك چارچىساممۇ ئەرزىيدۇ. سىلەر ئۆيدە ئۆزەڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭلار، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار.» 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى ئىززەت سۇلتان ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان يولداش بىلەن بىللە ئالدىراپ ـ تېنەپ كەچلىك تاماقنى ئاددىيلا يەپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىگە ئاتلاندى.    

  قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى ئوسمان ھاشىمنى مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى «يەلتاپان» دەپ ماختىشىدۇ. «يەلتاپان» دېگەن نام، ئەسلى ئوسمان ھاشىمنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇلنى ئېلىپ بىر كۈندە 10 نەچچە كىلومېتىر چېپىپ يۈرۈپ، 100دىن ئارتۇق ئاھالىگە سۇ، توك، تەبىئىي گاز سېتىۋېلىپ بەرگەنلىكىدىن كەلگەن بولۇپ، بىراقلا «نامى» چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ مەھەللىنىڭ «تېز يەتكۈزگۈچى»سى بولۇپ، ھەر كۈنى مەھەللىدىكى ئامما ئۈچۈن لازىمەتلىك سېتىۋېلىپ، ئالدىراشچىلىقتىن زادىلا بىكار بولالمىدى.

  قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فۇ جيەنخۇانىڭ يان تېلېفونىنى ئاچساق، كۈندە 100دىن ئارتۇق سۆزلىشىش خاتىرىسى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ، بۇ ماددىي ئەشيانى يەتكۈزۈش تەپسىلىي تىزىملىكى، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپنى ھەل قىلغان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قەغىزى قاتارلىق ھەربىر تال تىزىملىك ئۇنىڭ پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىللە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى ئىدى.

  فۇ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى كەچتە مۇداپىئە كىيىمىنى سالغاندا، تېرىلىرىمىز ئىششىپ، كىيىملىرىمىز سىققۇدەك تەر بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلەر ھېرىپ كەتكىنىدىن يەردىلا يېتىپ قالىدۇ. ئەمما پارتىيە ئەزالىرى بىر ئېغىزمۇ زارلانمايدۇ.

  خېسۇەن تەكشۈرۈش، ئولتۇراق رايوندىكى بىنالارنىڭ كىرىش ـ چىقىش ئېغىزلىرىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش، ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىش... قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىيماسى پەيدا بولدى، پارتىيە ئەزالىرى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ «قوغدىغۇچى»سى، ساغلاملىقنى تەكشۈرۈشنىڭ «پەرۋىشكارى»، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلىملىرىنىڭ «چۈشەندۈرگۈچى»سى، ئاھالىلەرنىڭ ئەخلىتىنى يىغىدىغان «تازىلىقچى»، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى» ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان «تەشۋىقاتچى»غا ئايلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ «مۇداپىئە سېپى»نى مۇستەھكەملىدى.

  31 نەپەر پارتىيە ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى بۈگۈنكى كۈندە زورىيىپ 42 كىشىگە يەتتى، تەۋەلىكتىكى 100 دىن ئارتۇق ئامما مۇلازىمەت قىلىش قوشۇنىغا قوشۇلۇشقا ئىلتىماس قىلدى.

  پارتىيە ئەزالىرى ئىشلەۋاتىدۇ، ئامما كۆرۈۋاتىدۇ، «يۇقۇم» ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش مۇساپىسىدە سىڭدۈرۈلگەن ئەجىرنىڭ ئىللىقلىقىنى چۈشىنىمىز.

  «فۇ شۇجى ياخشىمۇسىز، مەن بىر يەككە سودا ـ سانائەتچى، شۇنداقلا پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى، كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئاھالىلەر ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ شۇنداق كۈچ چىقارغۇم كەلدى. مېنىڭ ئاپتوموبىلىم بار، يەنە ساقلاپ قويغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىم بار، ناۋادا ئېھتىياجلىق بولساڭلار، ھەر ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇڭ.» قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جۇ فۇشېڭ فۇ جيەنخۇاغا شۇنداق ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش