دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-11-08 12:46:49

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 170 مىليون توننىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئېشىپ، يۈك توشۇش مىقدارىدا يەنە يېڭى يۇقىرى نەتىجە يارىتىلغان.

«بازارنىڭ كۆمۈر، رۇدا قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى تېز ئاشتى، يەنە شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىشى، تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇشى، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبكە ئايلاندى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ.

كۆمۈر شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدا ئاساسلىق توشۇلىدىغان مەھسۇلات، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن جياڭجۈنمياۋغىچە بولغان تۆمۈريول كۆمۈر توشۇيدىغان ئاساسلىق يول. بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، تاق لىنىيەلىك تۆمۈريولنى قوش لىنىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شىنجاڭ كۆمۈرىنى توشۇشتىكى ئاساسلىق لىنىيە بولۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئىقتىدارىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، شەرقىي جۇڭغارغا بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز قاتناش، 100 پويىز قاتناش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش لايىھەلىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدىكى پويىزلارنىڭ جۈپ قاتناش سانىنى كۆپەيتتى، ھەر كۈنى بارىدىغان - كېلىدىغان جۈپ پويىز سانى 70 جۈپتىن 80 جۈپكە كۆپەيدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 83 جۈپكە يېتىپ، شىنجاڭ ئىچىدە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇشنى تىرانسپورت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرى تېز ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجىغا قارىتا، ھازىر بار بولغان لىنىيەلەر ئاساسىدا، ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، توشۇشنى تەشكىللەشتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، توشۇشنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. يۈك تىرانسپورت تارماقلىرى كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈشنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، ۋاگون ئوبوروتىنى تېزلەتتى؛ ۋاگون تارماقلىرى دائىملىق تەكشۈرۈش مەشغۇلات سالمىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پويىز قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ پاراۋۇز ئىشلىرى تارماقلىرى پاراۋۇز كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پاراۋۇزدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «كۆپ توشۇش، تېز قاتناش» ئارقىلىق مال مەنبەسىنى چىڭ تۇتۇپ، توشۇش مىقدارىنى ئۆستۈرۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش