ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. قانداق قىلغاندا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى پەن شىليې بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوخېنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ باقايلى.
يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش
پەن شىليې: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەرەققىياتتا يېڭى ساھەلەر، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىشىمىز شەرت» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى سىستېمىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە قوزغىدى، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: بۇ، ھەم پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە ئىلھام بولدى، ھەم كەلگۈسى كۈرەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ۋاڭ گوخې: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇ ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەرەققىياتتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ماڭا زىممەمدىكى بۇرچنى، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. قانچىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق. بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يەنە بىر باھارنى كۈتۈۋالدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇلدى.
پەن شىليې: قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، بۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرەك قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ ھەم كەڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئېھتىياجلىق، تېخىمۇ مۇھىمى ھۆكۈمەت قاتلىمىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.
ۋاڭ گوخې: ھەقىقەتەن شۇنداق. ھازىر شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشتۇر.
سانجى ئوبلاستىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يىلدىن بۇيان، بىز يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىققەتنى «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان رايون پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن تەتقىقاتنى باھالاش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە مەركەزلىك كۈچىدۇق، «نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دىن ئىبارەت بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، سىياسەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتۇق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.
ئېھتىياج ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش
پەن شىليې: ئېھتىياجغا زىچ ئەگىشىپ يېڭىلىق ياراتقاندىلا، پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىنى يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ھەمدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۆزلەش كېرەك، تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارغا ئېھتىياجى چۈشكەندىلا، بازىرى بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە يېڭى مۇسابىقە يولى، يېڭى ئەۋزەللىككە ئايلىنالايدۇ.
ۋاڭ گوخې: شۇنداق، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈچنى توپلاپ ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ «تەجرىبىخانا» دىن چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغان «ھەقىقىي بايلىق»قا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىز «14 - بەش يىل»دىكى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشتا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقتۇق، بولۇپمۇ پاختا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كىرېمنىينى ئاساس قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، «0» دىن «1»گىچە بولغان تېخىمۇ كۆپ مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
پەن شىليې: پەن تەتقىقات ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزنىڭ شىنجاڭ فىزىكا خىمىيە تەتقىقات ئورنىمىزمۇ بايلىق تەقسىملەشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ دۆلەت ۋە رايون تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشىنى قوللىدى. نۆۋەتتە بىز جۇڭتەي خىمىيەسى، شىنتې ئېنېرگىيەسى، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ساھە باشلامچى كارخانىلىرى بىلەن تېخنىكىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز.
ۋاڭ گوخې: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى»نى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بىز يەنە «N+8» يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ۋە سانائەت «4+15» زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەرگە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ «ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات»تا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست ئۈچ دەرىجىلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق ئورتاقلىققا ئىگە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردۇق. كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.
جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە كىرگۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش
پەن شىليې: ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى كۈچ چىقارغاندىلا، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندىكى يەنە بىر يادرولۇق مۇھىم ئامىل ئىختىساسلىقلار، بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت. كىم بىرىنچى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا ئىگە بولسا، شۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
ۋاڭ گوخې: ناھايىتى قوللايمەن. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.» ھازىر، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ بەك ئېھتىياجلىق. بۇ يىل 6 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، مۇھىم، زور كەسىپ تۈرلىرى، مۇھىم قۇرۇلۇشلار، مۇھىم، زور پەن تەتقىقات سۇپىسى، ئاچقۇچلۇق خەلق تۇرمۇشى ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى قوللاپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ قوبۇل قىلىش، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ ئىشلىتىش سەمىمىيىتىگە گەپ كەتمەيدۇ.
سانجى ئوبلاستىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىق ئالىي، قابىل، سەرخىل، كەمچىل ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزدى. بىز يەنە «قابىللار باشلامچى بولۇش» «بەيگىگە چۈشۈش» قاتارلىق مېخانىزملارنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ سىرتىدا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى قاتارلىق «ئىختىساسلىقلار ئۆتۈشمە يېرى» تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، ئاشكارا ئېلان چىقىرىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمىز.
پەن شىليې: ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانلاندىم. چىنار دەرىخى تىكىلىپ، سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى. بۇ يىل 100گە يېقىن ئاكادېمىك شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ - مەسلىھەت بەرگەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى.
پەن تەتقىقات ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلاشقۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىدا، بىزمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىش ئورنى ھەم كېلىشىملىك ئىش ھەققى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ياش ئىختىساسلىقلار مەخسۇس تۈر سالمىقى ۋە ئالاھىدە تەتقىقات ياردەمچى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزەلەيدىغان بولۇش، ئېلىپ قالالايدىغان بولۇش، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش