ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىنلىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئالتە تېز بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق بايلىق، كۈچنى قوزغىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك؛ يۇقۇم كۆرۈلمىگەن رايونلار سىرتتىن كىرىش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپى، بولۇپمۇ كېسەل كۆرسىتىش - داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، داۋالاش بايلىقلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ، كېسىلى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەھەللە داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن دوختۇرخانىلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر كېسەللەر، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى چوقۇم بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى قەتئىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مال مەنبەسىنى تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن ۋاقتىدا، يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، مال باھاسىنى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىش، كۈز، قىش پەسىللىك سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىقلار بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۈك تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئورۇنلاشتۇرۇش، توشۇش، تەقسىملەش، يەتكۈزۈش» بويىچە ھەرقايسى ھالقىلاردىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاتناش تورى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورت يېشىل يولى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش يولىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى يولىنىڭ راۋانلىقىنى ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال ئۆتكۈزۈپ، دەرھال سۈرۈشتۈرۈپ پۈتۈن مۇساپىلىك يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇپ، قاتناش تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىختىيارىچە تاقاشنى قەتئىي مەنئى قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش نورمال تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. كۈزگى بۇغداي تېرىش، قىشلىق زاپاس كۆكتات تېرىش، پاختا يىغىش قاتارلىق «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى سۈپەتكە، مىقدارغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە، دېھقانلارنىڭ ئېتىزدا ئىشلىشىگە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش، پىششىقلاش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر خىل تۈرلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئىز بېسىپ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق سېلىنما نىشان ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك؛ خام ماتېرىيال، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ، ئادەم كۈچى قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.