دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

يامغۇر، قارنىڭ ئايىغى ئ‍ۈزۈلمەيدۇ ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2022-10-22 10:47:23
10-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق، قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، شەھەرگە ئالتۇن رەڭلىك نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ۋە ياكىقار ياغىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭدا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 10 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى، 8 بالدىن 9 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ھەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 16 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 4 بالدىن 5 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ. بەدىنىمىز سەل سوغۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرا پەرقى بىرئاز چوڭ، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ.

  سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ توتودىن ساۋەنگىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ خوۋشيادىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ يېڭىساردىن يەكەنگىچە بولغان بۆلىكى، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن؛ 9 بالدىن 10 بالغىچە قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (30 چاقىرىملىق شامال رايونى)، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى (100 چاقىرىملىق شامال رايونى)؛ 6 بال غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G315 لىنىيەسىنىڭ قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكى؛ 6 بال قىيپاش شەرق شامىلى (قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G315 لىنىيەسىنىڭ چەرچەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ 33-تۇەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش