جاڭ چۇنلىن قاتناشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزدى. چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى (بېيجىڭدىكى) ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىلىرى قاتناشتى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يۈۋېي فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، گو لىڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، 20 - قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى 5 - مەيدان كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن چىڭخەي، نىڭشيا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى (بېيجىڭدىكى) ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشتى.
كوللېكتىپ زىيارەت نەق مەيدانىغا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى توپلاشتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، جاڭ چۇنلىن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر مۇزاكىرىدە بىردەك باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ بىزنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشكە يېتەكلەيدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، دەپ قارىدۇق. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.
مۇخبىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا سوئال سورىدى. سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، جاڭ چۇنلىن مەيداندىكى مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 7 - ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدىكى ھەم ئىللىقلىققا تولغان، ھەم كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان نەق مەيداندىكى تەپسىلاتلارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىغا: «بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك» دېگەن سۆزنى قىلغاندا، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىشىۋالغاندەك جاراڭلىق ئاۋازدا: «زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك!» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. جاڭ چۇنلىن مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئورتاق سادا، شىنجاڭ خەلقىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ قەلبى مۇجەسسەملەندى، روھىي جەھەتتىن بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولدى، ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز.
مالايسىيا دۆلەت ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جاڭ چۇنلىن شىنجاڭنىڭ 10 يىلدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئەمىن ئۆي، داۋالىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇقىملىق قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.