ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زۇلھايات ئىسمائىل مېنىڭ ھېكايەمنى ‹پارتىيە ۋەكىللىرى يولى› ئارقىلىق تارقاتتى، مەن ۋە ئاچا ـ سىڭىللار چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدۇق، چەكسىز ئىپتىخارلاندۇق.» ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان رۇقىيەم ئابدۇرېھىم بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
چېۋەر قولى بىلەن تىكتى زەپ چىرايلىق تونلارنى؛ كەشتە بىلەن نەقىشلىدى رەڭدار پاسونلارنى. 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، رۇقىيەم ئابدۇرېھىم ئونسۇ ناھىيەلىك ئاچا ـ سىڭىللار كىيىم ـ كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىككۈچىلىك سېخىدا ئاچا ـ سىڭىللار بىلەن بىللە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ «پارتىيە ۋەكىللىرى يولى»دا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىن كۆرۈنۈشىنى كۆردى، رۇقىيەم ئابدۇرېھىم زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىنى سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى چەكسىز ئىللىقلىققا چۆمدى. رۇقىيەم ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋەكىللىرى بىزدەك داشۆنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، ھەسسىلەپ روھلاندىم، مەن چوقۇم غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئاچا ـ سىڭىللارنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيمەن.
ئىككى كۈندىن بۇيان، رۇقىيەم ئابدۇرېھىم ئاچا ـ سىڭىللارنى كىيىم ـ كېچەك، دېرىزە پەردىسى، كەشتە قاتارلىق زاكازلارنى ۋاقتىدا ياخشى تەييارلاشقا يېتەكلىگەندىن سىرت، يەنە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.
رۇقىيەم ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بەك تەسىرلەندىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە ھەر ۋاقىت بىز پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يەنە بىز ئاممىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتە يېتەكلىشى بىلەن، ھازىر يۇرتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كەتتى، ئائىلە شارائىتىمىزمۇ بارغانسىرى ياخشىلاندى، مەن يەنە كىيىم ـ كېچەك شىركىتى ئاچتىم، مەھسۇلاتلىرىمىز ئونسۇ ناھىيەسى ۋە ئاقسۇ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. شىركەتتە ھازىر 20 نەچچە ئاچا ـ سىڭىل ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىسى، كۆپچىلىك بىللە ئىشلەپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلاۋاتىمىز.
رۇقىيەم ئابدۇرېھىم ئاددىي يېزا قىزىدىن كىيىم ـ كېچەك شىركىتىنىڭ لوبىنىگە ئايلىنىشقىچە پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى، غەمخورلۇقىغا ئېرىشتى. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بىلەن، قىسقىغىنا بەش يىلدا ئۇ سالاھىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرۇلۇشنى تاماملاپ، قالتىس ئاياللار ۋەكىلى بولۇپ پىشىپ يېتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ تىجارىتىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كۇرس ئېچىش ئارقىلىق ئەتراپتىكى 500دىن ئارتۇق ئايالنى تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك قاتارلىق ھۈنەرنى ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
رۇقىيەم ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى، دەپ كۆرسەتتى. مەن داۋاملىق تىرىشىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، كەشتىچىلىك ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاياللارغا كەشتىچىلىكنى ئۆگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش