ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، 8 بالدىن 9 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ھەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تۈنۈگۈن ياغقان يامغۇردىن كېيىن ھاۋا تېخىمۇ ساپلىشىپ كەتكەنىدى. تېمپېراتۇرا تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا ئازراق ئۆرلەيدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 11 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 3 بالدىن 4 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.
بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاشيول لىنىيەلىرى سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە G217 لىنىيەسىنىڭ چورمادىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ نىلقىدىن ناراتقىچە بولغان بۆلىكىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدۇ؛ 6 بال غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى لاۋفېڭكوۋ شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي شامال رايونى يول بۆلىكى، G3014 لىنىيەسى بىلەن G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى؛ 9 بالدىن 10 بالغىچە قىيپاش شىمال ئۆتكۈنچى بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30،G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (30 چاقىرىملىق شامال رايونى)، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى (100 چاقىرىملىق شامال رايونى).