دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

بۈگۈن شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2022-10-20 12:31:39

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن ۋە ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىكەن ۋە ياكى قار ياغىدىكەن؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، 8 بالدىن 9 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تېمپېراتۇرا داۋاملىق بىرئاز تۆۋەنلەيدىكەن؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى ئازراق يامغۇر ياغدى، جۇجياڭ . خەنبى جىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى كىچىك گۈللۈككە بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، خۇددى ئۆرۈلۈپ كەتكەن رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشاپ قالغانىدى، گۈزەل كۈز مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، بوران چىقىپ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، يول قاتنىشى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بۈگۈن سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن داۋانچىڭغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسى، G3016 لىنىيەسى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن خوۋشياغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن ئاغۇغىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسى، بۇنىڭ ئىچىدە،  G30، G312 لىنىيەسىنىڭ گوزىگوۋدىن توتوغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، G3016 لىنىيەسى، G217 لىنىيەسىنىڭ چورمادىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن ناراتقىچە بولغان بۆلىكىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدۇ.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ۋە ئەتە ئىككى كۈننىڭ ھاۋارايى شارائىتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كۈزلۈك يىغىمىغا ماس كېلىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمىغا ماس كەلمەيدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ پايدىلىق ھاۋارايىنى چىڭ تۇتۇپ، پاختا ۋە پىشقان كۆممىقوناقلارنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىشى، رايونلارنىڭ تېخى ئورۇنداپ بولالمىغان كۈزگى بۇغداي تېرىش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭ رايونى كۈزلۈك يىغىم سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پايدىسىز ھاۋارايىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش