دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-10-20 12:40:27

ياڭ شياۋدۇ، ئەركىن ئىمىرباقى قاتناشتى

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)»نى مۇزاكىرە قىلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ياڭ شياۋدۇ، ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

ۋەكىللەر مۇزاكىرىدە بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)»نى قۇۋۋەتلەيمىز ۋە ھىمايە قىلىمىز. ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە يېڭى دەۋردىن بۇيانقى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر تەستە قولغا كەلگەن، ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدۇ. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە يېڭى، ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز.

ۋەكىل جاڭ جۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر، ئەمەلىيەت ئىزدىنىشىدىكى يېڭى بۆسۈش، ۋەزىيەت - ۋەزىپىلەر توغرىسىدىكى يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، پارتىيەنى تەشكىلىي جەھەتتىن كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئىستىل جەھەتتە دۇرۇس قىلىش، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىشنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى پارتىيە نىزامنامىسىدە تەشكىلات خىزمىتىگە قويۇلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

ۋەكىل تيەن شياڭلى مۇنداق دېدى: 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت روشەن مەيدان، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادە ۋە قەتئىي جاسارەت تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ، سىياسىي يۈكسەكلىككە، نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقىغا، ئەمەلىيەت كەڭلىكىگە ئىگە ياخشى دوكلات بوپتۇ. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچ ۋە دەۋر تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

نيې جۇاڭ، ۋېي جيەنگو، جېڭىس قادىس، ما لى قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ داۋلىسى، ئىلمىي قائىدىسى، پەلسەپەۋى قائىدىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىڭغا سىڭگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللاردا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەردە، پۈتكۈل جەريانىدا كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

بايىنكېش، ئورۇزئالى قاشقارباي، گاۋ جىنياڭ، كوۋ شياۋيەن قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق بايانىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىش، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىش، چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، سۈرەتلىگەن ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

فاڭ شيەنجېن، مۇيەسسەر نىجات، لى ۋېنجۈەن، ما يۈ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى باشتىن - ئاخىر سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش، ئۆزى ئۈستىدە باتۇرلۇق بىلەن ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خاۋ شياڭلى، رەشىلا راقات، لى پىڭ، گۈلەمبەر روشەن، رەھىمە ئاۋۇت قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، تىرىشىپ يېڭى جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، شۆ بىن قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش