ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، 7 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى لاۋفېڭكوۋ شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.
10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 8دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، شەرق تەرەپتىكى ئاسماندا ئالتۇن رەڭلىك شەپەق نۇرى كۆرۈندى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق، ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا 15 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. ساغلام ئوزۇقلىنىڭ، ئارام ئېلىش ۋە مەشغۇلات ۋاقتىڭىزنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G216 لىنىيەسىنىڭ خوۋشيادىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، G314 لىنىيەسىنىڭ كۈمۈشتىن بۈگۈرگىچە بولغان بۆلىكى، G219 لىنىيەسىنىڭ مازاردىن جيېشەن داۋىنىغىچە بولغان بۆلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە G314 لىنىيەسىنىڭ ئۇششاقتالدىن خوشۇتقىچە بولغان بۆلىكىدە ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ؛ 5 بالدىن 6 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي شامال رايونى يول بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرۇلتوقايغىچە بولغان بۆلىكى؛ 9 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى؛ 6 بال ئەتراپىدىكى قىيپاش شەرق شامىلى (قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G218 لىنىيەسىنىڭ 33-تۇەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى.