شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى:
6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: تومۇز ياز پەللىسىدىن ئۆتۈش مەزگىلى (6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە)دە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى «يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا جەڭ قىلىش، ئىچكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، سىرتقا يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنى 47 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدا 14 قېتىم تومۇز ياز پەللىسىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە توك بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، مەملىكەت بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى.
2022 - يىلى ياز پەسلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم جايلاردا سىجىل تۈردە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولدى، يامغۇر ئاز ياغدى، جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى، غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا سىجىل خاراكتېرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەمچىللىكى كۆرۈلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجى ھەم شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكىنىڭ ئېشىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
بۇ يىل شىنجاڭدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يۈكىدە «بالدۇر كۆرۈلۈش، چوققا قىممەت يۇقىرى بولۇش، ۋاقىت ئۇزاق بولۇش»تەك ئالاھىدىلىك نامايان بولدى. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يىللىق يۈكىدە تۇنجى قېتىم تومۇز يازدىكى پەللىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، بۇ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا ئون كۈن بالدۇر بولدى. پۈتۈن ئېلېكتىر تورى يۈكىدە 14 قېتىم ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، بەش قېتىم تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئېلېكتىر يۈكىدە جەمئىي 92 قېتىم تومۇز يازدىكى پەللىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئېلېكتىر تورى ئۈچ نۆۋەت ئېلېكتىر يۈكى يۇقىرى پەللىسى سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى.
سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە، شىنجاڭ ئىچىدىكى توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئاساسىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە «قۇۋۋەت يۇقىرى بولۇش، سىغىم چوڭ بولۇش، دائىرە كەڭ بولۇش»تەك ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلدى. تومۇز يازدىكى پەللىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى تۇنجى قېتىم 11 مىليون كىلوۋاتقا كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى بويىچە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. ئۆلكىلەر توك نەق مال سودىسى بازىرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ توكى تۇنجى قېتىم جىلىن، فۇجيەندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىگە يەتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى توك مىقدارى 447 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ھالقىپ، تارىخىي رېكورت يارىتىلدى. تومۇز يازدىكى پەللىدىن ئۆتۈش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 47 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، جۇڭگونىڭ شىمالى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى، غەربىي جەنۇب قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېھتىياجىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىلدى.