ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى
«سىلەر ئارىغا چۈشكەندىن كېيىن، بالا جىددىي ئېھتىياجلىق دورا ئۈچ سائەت ئۆتۈپلا قولىمىزغا تەگدى. بىزگە ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت.» 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جياڭ خانىم مۇنداق دېدى: دورا سېتىۋېلىش جەريانىدا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى دوختۇر، مۇخبىر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتۇق.
بۇ كۈنلەردە، جياڭ خانىم ئىزچىل قىزىنىڭ دورىسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كەلدى. بۇلتۇر 11 - ئايدىن باشلاپ، جياڭ خانىمنىڭ 13 ياشلىق قىزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئوكۇل قىلىشقا باشلىغانىدى. 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىزىنىڭ دورىسى ئۈزۈلۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن جياڭ خانىم «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنىڭ يۇقۇمدا ياردەم سوراش مەخسۇس رايونىغا سۆز قالدۇرۇپ ياردەم سوراپ، سۇپا ئارقىلىق دورا سېتىۋېلىشتا ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇخبىر بىرىنچى ۋاقىتتا جياڭ خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، جياڭ خانىمنىڭ ئىلگىرى قىزىنى ئىزچىل ھالدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى)دا داۋالىتىپ كەلگەنلىكىنى ئىگىلىدى.
ئارقىدىن، مۇخبىر جياڭ خانىمنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى)غا ئىنكاس قىلدى. بۇ دوختۇرخانا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋېن يۈ ناھايىتى تېزلا جياڭ خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، جياڭ خانىم سېتىۋالماقچى بولغان دورا ۋە دورىنىڭ مىقدارىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، بالىغا ئىككى ئايلىق ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن يېزىپ بەردى ھەم دورىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشنى تاپىلىدى. «ھازىر بالىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى قانچە؟ بەدەن ئېغىرلىقىچۇ؟ يېقىندىن بۇيان ئۇيقۇسى قانداقراق؟ ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ سەكرەش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىدۇ، يەنە بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقىنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.» ۋېن يۈ يەنە بىر دوختۇر بىلەن بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرىلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن تەكلىپ بەردى.
مۇخبىر يەنە جياڭ خانىم تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ياشلار يولى كوچا باشقارمىسى قىزىلتاغ يولى جەنۇبىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنشىن بىلەن ئالاقىلەشتى، ئۇ مۇخبىرغا ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىنىڭ دورا سېتىۋېلىش ئىلتىماس - تەلىپىنى بىلگەندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى)دىن دورا ئەكەلدۈرۈپ جياڭ خانىمنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
دورىنى ئالغاندىن كېيىن، جياڭ خانىم بىرىنچى ۋاقىتتا تېلېفون ئارقىلىق مۇخبىر، دوختۇر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. «<ئانار> سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى بىزنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، ئانار بۇلۇت ھۆكۈمەت، دوختۇرخانا، ئاھالىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان پىكىر ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى بولدى. دورا سېتىۋېلىش جەريانىدا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ناھايىتى تەسىرلەندۇق» دېدى جياڭ خانىم.