دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-10-13 13:14:34

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يىلسېرى ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، بۇ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن ئۆزگىچە، ئىنتايىن رىقابەتكە تولغان 10 يىل بولدى. ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012 ـ يىلى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 59 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، 2018 ـ يىلى 100 مىليارد يۈەنلىك پەللىگە قەدەم قويغان، 2021 ـ يىلى 156 مىليارد 454 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 10 يىل ئاۋۋالقىدىن 2.6 ھەسسە ئاشقان.

  1 ـ كەسىپنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، 2 ـ كەسىپتە مۇھىم نۇقتا تۇتۇلدى، 3 ـ كەسىپ زور تەرەققىي قىلدى. 10 يىلدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەنئەنىۋى سانائەتتىن مۇلازىمەت كەسپىگە تەرەققىي قىلدى، تەرەققىيات قاتلىمى ئۈنۈملۈك ئېشىپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئۈچ كەسىپ قۇرۇلمىسى 2012 ـ يىلىدىكى «2، 3، 1» تىپىدىن «3، 2، 1» تىپىغا ئۆزگەردى، ئۈچ كەسىپنىڭ نىسبىتى 2012 ـ يىلىدىكى 22.89:35.97:41.14دىن 2021 ـ يىلىدىكى 25.3:32.1:42.6گە ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلدى.

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، ئىقتىساد كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ كۆرۈنەرلىك ئاشتى، 2021 ـ يىلى ۋىلايىتىمىز ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 156 مىليارد 454 مىليون  يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 10 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.1 ئېشىپ، مالىيە كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  10 يىلدا، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادى ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان يېڭى ھالەتكە كىردى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئېشىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەدرىجىي ئۆزگەردى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلى تەدرىجىي ئۆزگەردى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تەدرىجىي كۈچەيدى.

  يېقىندا، ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىڭفا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن دى مېتىل سۇلفوكسىد ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەت ۋىلايىتىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يۇڭجيې مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بىر پەسىلدە جەمئىي 6200 توننا دى مېتىل سۇلفوكسىد ئىشلەپچىقىرىپ، 210 مىليون يۈەن سېتىش كىرىمى، 118 مىليون يۈەن ساپ پايدا ياراتتۇق. 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت سانائەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يانداش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، ۋىلايىتىمىزنىڭ 1 ـ پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 33 مىليارد 155 مىليون يۈەنگە، 2 ـ پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 72 مىليارد 386 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ، 10 يىل ئىلگىرىكى پۈتۈن يىللىق سانلىق مەلۇماتتىن ئېشىپ كەتتى. بۇ، كەم ـ كوتسىز «نەتىجە قەغىزى»، ۋىلايەتنىڭ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ دەلىلى.

  10 يىلدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدىمىنى جاسارەت بىلەن بېسىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چىدامچانلىقىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش