دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-10-13 13:27:30

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋىلايىتىمىز تەۋەسىگە جايلاشقان جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گازنى كۆلەملىك ئېچىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  فۇمەن نېفىتلىكى شايار ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئاساسلىقى شايار ناھىيەسىنىڭ خادادۆڭ بازىرىغا مەركەزلەشكەن، نېفىتلىك رايونىنىڭ كۆلىمى 17 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، فۇمەن نېفىتلىكى 8 مىليون 670 مىڭ توننا خام نېفىت، 1 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقاردى، بۇ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ پۈتۈن يىللىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا باراۋەر.

  فۇمەن نېفىتلىكى مەملىكىتىمىزدە بايقالغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر دېڭىز قاتلىمىلىق يېرىق ئۆڭكۈر تىپىدىكى كاربونات قاتلاملىق ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسى بولۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىق مىقدارى 1 مىليارد توننىغا يېتىدۇ. بۇ نېفىتلىكنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گازى 7500 مېتىردىن 10 مىڭ مېتىرغىچە بولغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، مەملىكىتىمىز 7500 مېتىردىن چوڭقۇر چوڭقۇرلۇقتا بەرپا قىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئېچىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى نېفىتلىك ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تارىم نېفىتلىكىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت قىدىرىپ چارلاشتىكى ئەڭ زور بايقىشى بولۇپ، 2021 ـ يىللىق «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 10 چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشى»غا كىردى.

  ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق بولغان فۇمەن نېفىتلىكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان چارلاش، ئېچىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، نېفىت زاپىسىنى تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن، بولۇپمۇ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر يەر ئاستىدا بۇرغا بېشىنى دەل جايىدا كونترول قىلىپ نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپىسى قاتلىمىنى بۇرغىلاش خۇددى بىر يەر ئاستى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ «نىشانلىق قارىغا ئېتىش»قا باراۋەر بولۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى 100 مېتىر يىراقلىقتىن «يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش»تىن قېلىشمايدۇ. ئەنئەنىۋى نېفىت ـ تەبىئىي گاز گېئولوگىيە نەزەرىيەسى بۇ يەردە ئاساسەن ئەسقاتمايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى بۇرغىلاش تېخنىكىسى بىلەن ئاساسەن «بۇرغىلىغىلى بولمايدۇ»، چارلاش، ئېچىش قىيىنلىق دەرىجىسى «دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، دۆلەت بويىچە بىردىنبىر» ھېسابلىنىدۇ.

  ۋىلايەتلىك نېفىتلىك رايونى مۇلازىمەت مەركىزى، شايار ناھىيەسى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەچكە، تارىم نېفىتلىك شىركىتى پەن ـ تېخنىكا تەتقىقات قەدىمىنى تېزلىتىپ، چارلاش، قېزىش قىيىنلىق دەرىجىسىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. فۇمەن نېفىتلىكىنىڭ چارلاش، ئېچىش قىيىنچىلىقىغا قارىتا، تارىم نېفىتلىك شىركىتى «ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر دېڭىز قاتلىمىلىق كاربونات قاتلىمىدىكى ئۈزۈكنىڭ گېئولوگىيەلىك نەزەرىيەسى»نى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، مۇرەككەپ نېفىت زاپىسىنى بۇرغىلاش قۇدۇقى قاتارلىق يۈرۈشلۈك تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت ـ تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش تېخنىكىسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، فۇمەن نېفىتلىكىدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز «غەربكە ئۇزارتىش، شەرققە كېڭەيتىش، جەنۇبغا سۈرۈش، چوڭقۇر قېزىش»قا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىدە ئېشىشىنى ساقلىدى.

  يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان، فۇمەن نېفىتلىكى 1000 توننىلىق قۇدۇقتىن توققۇزغا، 100 توننىلىق قۇدۇقتىن 150كە ئېرىشىپ، 16 نېفىت ـ تەبىئىي گاز قۇرۇلمىسى ۋە مەيدان پونكىتى قۇرۇپ، «ئىككى توغرىسىغا، ئىككى ئۇزۇنىسىغا بولغان ئىككى مەركەز»لىك يەر يۈزى سىستېمىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ئۇدا ئۈچ يىل يىلىغا 500 مىڭ توننا ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تېز ئاشۇردى.

  بۇ يىل، فۇمەن نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 400 مىڭ توننىلىق يېڭى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. ھازىر، فۇمەن نېفىتلىكى «بۇرغىلىغانسېرى كېڭىيىش، بۇرغىلىغانسېرى چوڭقۇرلىشىش، بۇرغىلىغانسېرى كۆپىيىش»نى ئىشقا ئاشۇرماقتا، بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 55 قۇدۇقنىڭ 52سىدە سىناق نېفىت قېزىشتا كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 100 توننىدىن ئېشىش قولغا كەلدى. پىلانغا ئاساسەن، 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، فۇمەن نېفىتلىكى يىللىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 5 مىليون توننىغا يېتىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر چوڭ نېفىتلىك بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش