دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-10-12 13:29:22

10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، كۈز ئېيىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي باغچىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرى تەدرىجىي سارغىيىشقا باشلىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، بورتالا ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 9 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، 7 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىمۇ تەڭ كۆرۈلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن ھاۋا بۇلۇتلىنىدۇ، تاغلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.

  شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاشيول لىنىيە بويلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە G218 لىنىيەسىنىڭ نىلقىدىن كۈنەسكىچە بولغان بۆلىكى، زالمۇتۇدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۇلاستايدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكىدە ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ؛ 6 بال غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015  لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگوۋغىچە بولغان بۆلىكى،  S201 لىنىيەسىنىڭ  مايتاس شامال رايونى،  S221 لىنىيەسىنىڭ تولى لاۋفېڭكوۋ شامال ئېغىزى، S319 ۋە  S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي شامال رايونى يول بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرۇلتوقايغىچە بولغان بۆلىكى، قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن خېيشەنتوۋغىچە بولغان بۆلىكى، قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ  دۆربىلجىندىن قارامايغىچە بولغان بۆلىكى،  G216 لىنىيەسىنىڭ كۆكتوقايدىن ۋۇسەيۋەنگىچە بولغان بۆلىكى؛ 9 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G314 لىنىيەسىنىڭ توقسۇندىن كۈمۈشكىچە بولغان بۆلىكى، G30،  G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش