«تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ قالدى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ كېلىشىگىلا قاراپ قالدۇق.» 10- ئاينىڭ 7- كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى، دەسلەپكى لايىھەسى تەستىقلىنىپ، قۇرۇلۇش چېرتيوژى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، كەسىپلەر بويىچە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
خېرىدار چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيولنىڭ توپا- تاش قۇرۇلۇشى، ئۆي قۇرۇلۇشى، ماشىنا- ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ۋاكالىتەن قۇرۇش، ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق تۈرلەرگە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش بۇ يىل 8- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تەخمىنەن بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالاقىدار خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە تۈرگە يەر ئېلىش، چېقىش، كۆچۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى G3012 قاراقاش- خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قاراقاش ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كېسىشمىسىدىكى A باغلىما يولنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى G3012 قاراقاش- خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لوپ شەرقىدىكى ئۆتۈشمىسىنىڭ باغلىما يولى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، G315 لىنىيەسىنى نىيە- لوپ 1- دەرىجىلىك تاشيولىدىن ئارتىلدۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان ئايرىش شەكلىدىكى ئىستېرېئولۇق كېسىشمە ئۆزگەرتىپ ياساش بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بىلەن ئۇلىنىدىكەن، لوپ ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىدىن ئۆتىدىكەن، ئاخىرقى نۇقتىسى G3012 قاراقاش- خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قاراقاش ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كېسىشمىسىدىكى A باغلىما يولنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تۇتىشىدىكەن. تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 117.853 كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسىي لىنىيەسى 2- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر، 60 كىلومېتىر.
G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيولدا ئىش باشلانغاندىن كېيىن، خوتەننىڭ پۈتۈن رايون تاشيول تورى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىر: دۇڭ رۈيچياڭ
پايدىلانغان مەنبە: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى