ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 4800ى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان، رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 640 مىليارد 39 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.11 ئاشقان.
بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونى رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 393 مىليارد 97 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.74 ئاشقان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 246 مىليارد 942 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.13 ئاشقان.
رايون سىرتىدىن نەقلەشكەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر: ئۈرۈمچى شەھىرى 136 مىليارد 52 مىليون يۈەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 100 مىليارد 628 مىليون يۈەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى 94 مىليارد 284 مىليون يۈەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 79 مىليارد 583 مىليون يۈەن. يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر: قاراماي شەھىرى %60.31، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى %59.35، ئۈرۈمچى شەھىرى %58.1، ئالتاي ۋىلايىتى %48.55، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى جەمئىي %56.6كە يېتىپ، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا ۋە سودىگەر چاقىرىش تارماقلىرى دىققەتنى چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، كۈچلۈك كارخانىلارنى جەلپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى توپلاپ تۈرلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى. 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇ تۈرلەر ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ۋە خىمىيە سانائىتى، كان ئېچىش ۋە مېتال تاۋلاش، پىششىقلاش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ.
يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جاي يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش، كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودىگەر چاقىرىش، كېلىشىم ئىمزالاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «يۈزتۇرا سۆزلىشىش» بىلەن «ئېكراندا سۆزلىشىش»نى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، خېرىدار كارخانىلار بىلەن ماس قەدەمدە تورغا چىقىش، سىن ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، توردا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۈجمەللىكلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، توردا سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتىنى پىلانلاپ قانات يايدۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.