ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى «پۇتۇڭخۇانى ياخشى ئۆگىنىش، ئومۇملاشتۇرۇشتا كۆپچىلىككە تايىنىمىز...» 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدىن پايدىلىنىپ پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى باش تېمسىدا سىنىپ يىغىنى ئېچىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى پۇتۇڭخۇانى يەنىمۇ ياخشى سۆزلەش، ئومۇملاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.
تىل ـ يېزىق ئىقتىدارى مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئاۋات ناھىيەلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ يىغىنىنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق ئېچىش ئۈچۈن، دەرسخانىدا كۆرۈنۈش تەسىس قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش باش ئەلچىسى قوبۇل قىلىش بۇيرۇقى» چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ جەڭ ئېلان قىلىشقا يېتەكلىدى، غەلىبە قىلغان ئوقۇغۇچى «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش باش ئەلچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
«مەن پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلىيەلەيمەن» ھالقىسىدا، ئوقۇغۇچىلار كۇەيبەن، ئېتۇت قاتارلىق شەكىللەرنى تاللاپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.
كۇچا شەھىرىدە «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرغۇچى كىچىك دوستلار» پىدائىيلىرى كوچىلاردا مېڭىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇردى. پىدائىي شېرىنئاي ئەمەت مۇنداق دېدى : دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش ماڭا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى، مەن چوقۇم مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىمەن.
ئونسۇ ناھىيەسى «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە مەن بار، ئاياللار ئالتۇن جۈملىلەرنى ئوقۇش» تېمىسىدا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ ئاياللارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ياخشى كۆرۈش، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش، ئوقۇش جەريانىدا بىلىم ئېلىش، ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئاشۇرۇش ۋە يېڭى دەۋردىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇش، شۇنداقلا كىتابخۇمار ئائىلە، كىتابخۇمار جەمئىيەت، كىتابخۇمار ئونسۇ قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىدى.
ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى مەرھابا مەھەللىسى ئاھالىسى رازىيە ئابلەت مۇنداق دېدى: مەن كىتاب ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئىزچىل ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمەن، بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، بالىلار بىلەن بىللە ئىلگىرىلەيمەن.
ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ۋىلايىتىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلار تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ پائالىيەت جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، يېزىش، سۆزلەش ماھارىتىنى نامايان قىلىش ۋە مۇسابىقە پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش؛ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى بويىچە «پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش دارېنلىرى»نى باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش؛ «كلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق يۇرتنى ئوزۇقلاندۇرۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، «جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، يېزىش، سۆزلەش»، «يۇرتىمىز جۇڭگو» تېمىسىدىكى جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش؛ شېئىر ھەۋەسكارلىرى، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى «2023 ـ يىللىق جۇڭگو شېئىر دېكلاماتسىيە يىغىلىشى» شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى كۆرسىتىش، تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش، سىرتتىكى چوڭ ئېكران، تام تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل تەشۋىقات سۇپىلىرىدا پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات فىلىمى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانى قاتارلىقلارنى داۋاملىق قويۇش، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش