دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

سودىگەر چاقىرىش ئىدىيەسى ئۆزگەرتىلىپ، سودىگەر چاقىرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلدى
​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-16 11:13:55

پاسسىپ سودىگەر چاقىرىشتىن ئاكتىپ سودىگەر چاقىرىشقىچە، ئاز ساندىكىلەر سودىگەر چاقىرىشتىن ئومۇمىي خەلق سودىگەر چاقىرىشقىچە، قارىغۇلارچە سودىگەر چاقىرىشتىن ئىلمىي سودىگەر چاقىرىشقىچە، ئادەت خاراكتېرلىك سودىگەر چاقىرىشتىن دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشقىچە... پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش خادىملىرى جاپا ـ مۇشەققەتتىن باش تارتماي ھەر تەرەپكە قاتراپ، مەبلەغ، تېخنىكا، كەسىپلەرنى كىرگۈزۈپ كارخانىلارنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىپ، بۈگۈنكى كەسىپ ئەندىزىسى ۋە ئىقتىساد كۆلىمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى. 2021 ـ يىلى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 156 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 75 مىليارد 885 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردۇق.

ئىلگىرىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى «كۆرگەنلا سودىگەرنى چاقىرىش»تەك يىرىك شەكىلدىكى، قارىغۇلارچە سودىگەر چاقىرىش باسقۇچىدا تۇرغان بولۇپ، رايون ئىچىدە ئەسلىدە بار كارخانا، جۇغلانما ئىقتىساد كۆلىمىنى ئاشۇرۇشقىلا كۈچەلگەن ئىدى. بۇ ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى، بىرتۇتاش پىلانلىشى ئاستىدا، 25 كۈن ئىچىدە ئاقسۇ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى تاماملىدۇق ھەم ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىپ ئىش باشلىدۇق، بۇ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بەرپا قىلىنغان مەركەز بولۇپ، ئۇدۇللىشىش دەل جايىدا بولماسلىق، سودىگەر چاقىرىش قوشۇنى كەسپىي بولماسلىق، بىر خىللاشقان رىقابەت، بايلىق تەقسىماتى تەكشى بولماسلىق، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋاقتىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، «ھەر كۈنى ئۇدۇللىشىش، ھەر ھەپتىدە ئالغا سىلجىتىش، ھەر ئايدا كېلىشىم ئىمزالاش، ھەر پەسىلدە ئىش باشلاش»تەك ياخشى ۋەزىيەت ئىشقا ئاشتى، بىز كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ھالىتى، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىش ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە مەبلەغ سېلىش كويىدا بولۇۋاتقانلارغا بولغان تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مېتاللورگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، سودا ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت «2+6» كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى زاپاس ساقلاش ئامبىرىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش نىشان توپى ۋە مەنزىلىنى بېكىتىپ، ئىلمىي سودىگەر چاقىرىش، نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، سودىگەرلەرنىڭ قىزىقىشىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق.

2020 ـ يىلىدىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، سودىگەر چاقىرىش شەكلىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، سودىگەر چاقىرىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. 2021 ـ يىلى ۋىلايەت نازىر دەرىجىلىك ئىككى رەھبەر باشلامچى بولغان، 57 كىشىدىن تەركىب تاپقان مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش قوشۇنىنى تەشكىللەپ، جېڭجوۋ، شاڭخەي، شىجياجۇاڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق تۆت جايدا مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش مەركىزى قۇردى، ئۇلار جەمئىي 10 مىڭ 304 كارخانىنى زىيارەت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسى بار كارخانا 881، ۋىلايىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەلگەن كارخانا 415، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈر 87 بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 37 مىليارد 561 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ 2022 ـ يىلى، ۋىلايەت سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شاۋشىڭ، شىجياجۇاڭ، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق تۆت جايدىكى مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش مەركەزلىرىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، كۈچلۈك سودىگەر چاقىرىش قوشۇنى قۇرۇپ، جەمئىي 101 كادىرنى ئاجرىتىپ، 15 مىڭ كارخانىنى زىيارەت قىلىش، 1500 تۈردە سۆھبەتلىشىش، 250 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاش، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسىنى 65 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، تۈردە ئىش باشلىنىش، قۇرۇلۇش نىسبىتىنى %50 تىن ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 13 مىڭ 827 كارخانا زىيارەت قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 2513 تۈردە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى؛ 155 كارخانا ۋىلايىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەلدى؛ 18 تۈردە رەسمىي توختام ئىمزالاندى، ئىمزالانغان توختام سوممىسى 48 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ 203 رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى، كېلىشىم سوممىسى 279 مىليارد 203 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.

يېڭى ۋەزىيەتتە چوقۇم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ھەم دەۋرگە ماسلىشالايدىغان پۈتۈنلەي يېڭى سودىگەر چاقىرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزدە بەلگىلىك كەسىپ ئاساسى شەكىللىنىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە بولدى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىش ئورنى ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمنى پائال ئادا قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشقا كۈچ قوشىمەن.

(ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيەگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گۈلزار مۇختارنىڭ ئاغزاكى بايانى، مۇخبىرىمىز لۈ نا رەتلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش