دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

«جېجياڭ ـ شىنجاڭ رىشتى . يېڭى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» بويىچە ۋىلايەتنىڭ «جېجياڭ ـ ئاقسۇ لوڭقىسى» تۇنجى نۆۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى
مۇھەررىر:
مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2022-09-16 11:15:49

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «جېجياڭ ـ شىنجاڭ رىشتى . يېڭى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» بويىچە ۋىلايەتنىڭ «جېجياڭ ـ ئاقسۇ لوڭقىسى» تۇنجى نۆۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىلىرى مۇسابىقىسى ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ ئالما ئىجادىيەت مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، جېجياڭ ئۆلكىلىك سودا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر گۇرۇپپىسى، ئاقسۇ تارىم تاراتقۇ گۇرۇھى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت: يەرلىك مۇنەۋۋەر رىياسەتچىلەر بايلىقىنى تاسقاپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش مۇسابىقىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىستېمالنى قوللاش ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ ۋىلايىتىمىزنىڭ داڭلىق، ئەلا، خاس، يېڭى مەھسۇلاتلىرى، ئەۋزەل ماركىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىقتىسادى، رەقەملىك ئىقتىسادىدىكى تىپىك تەجرىبە ـ ئۇسۇللىرىنى كېڭەيتىش؛ يەرلىكتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى قېزىپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلارنى يۇرتىغا قايتىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، «ئېقىم مىقدارى»نى «سېتىش مىقدارى»غا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىشىغا كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ۋىلايىتىمىزدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىگىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىۋېرسال باھالاشتىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جەمئىي 60 ماھىر دەسلەپكى مۇسابىقىگە كىرگەن. دەسلەپكى مۇسابىقىدە باھالاپ نومۇر قويۇش نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە قىسقا سىن ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. قىسقا سىن ئېلىشقا مەزمۇن باش تېمىسى، شەخس نومۇر ئورۇنلاش، كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسى، ئومۇمىي رىتىم، ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بەش ئۆلچەم بويىچە باھالاپ نومۇر قويۇلغان؛ نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سۆزلەش ماھارىتى، ھەمتۈرتكە ئىقتىدارى، مەھسۇلات ساۋاتلىرى، ئوتتۇرىچە كۆرۈلۈش ۋاقتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارىلىقىدىكى ئالقىش سانى قاتارلىق بەش ئۆلچەم بويىچە باھالانغان. 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ قىسقا سىن ئىشلەپ، ئۆزگىچە سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، خاس مەھسۇلات مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتى، يېزا ـ كەنت يېڭى قىياپىتى قاتارلىقلارنى نامايان قىلغان.

دەسلەپكى مۇسابىقىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش نەق مەيدانىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار جۇشقۇن، قىزغىن كەيپىياتتا تالانتىنى نامايان قىلىپ، چوڭ گازىر، خەسە ياڭاق، قۇرۇق يەل ـ يېمىش قاتارلىق يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە يۇرتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى. كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، جەمئىي 30 ماھىر تەكرار مۇسابىقىگە كىردى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇنداق بىلدۈردى: مۇسابىقىدە تېخنىكا جەھەتتىكى كەسپىي يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالدۇق. ماھىر مىرزات كامىل مۇنداق دېدى: ئاقسۇ شەھىرىگە ۋاكالىتەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشىم ماڭا نىسبەتەن يېڭى جەڭ ئېلان قىلىش ھېسابلىنىدۇ. مەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتىنى تىرىشىپ ئۆگىنىمەن، بۇ ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قىزىقىدىغان تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش