ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، 22 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيال بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كەسىپ زەنجىرى تۈرى باي ناھىيەسىگە ماكانلاشتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گاڭ جۇڭگو بوچى مۇھىت ئاسراش (پاي كونترول) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زېڭ جىجۈن قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ سېلىنما كېلىشىمى ئىمزالىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
بۇ تۈرگە جەمئىي 22 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، تەبىئىي گاز خام ماتېرىيال قىلىنىپ، BDO، پارچىلىنىدىغان سولياۋ، ئاممىياكلىق تالا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇ تۈر ئىككى قارارغا بۆلۈنۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بولۇپ، 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇش 2024 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇش 2027 ـ يىلى 9 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش پىلانلاندى. بۇ تۈرنىڭ ماكانلىشىشى باي ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسپىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كۆپ تۈرلۈك خىمىيە سانائىتى ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى بوشلۇقىنىڭ تولدۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سۆھبەتلىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ۋاڭ گاڭ جۇڭگو بوچى مۇھىت ئاسراش (پاي كونترول) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زېڭ جىجۈن قاتارلىقلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ كارخانىنىڭ ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: مەۋقەنى ئۆز جايىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەمەلىي كۈچى زور باشلامچى كارخانىلارنى ۋىلايىتىمىزگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو بوچى مۇھىت ئاسراش (پاي كونترول) چەكلىك شىركىتىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېنېرگىيەنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تىرەك قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، باي ناھىيەسىنىڭ خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە باغلىنىشلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ زامانىۋى خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز تۈرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن مۇساپىلىق يېتىشىپ مېڭىپ، پۈتۈن مۇساپىلىق ياردەملىشىپ بېجىرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرنى ماكانلىشىش، تېز پۈتۈش، ياخشى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
جۇڭگو بوچى مۇھىت ئاسراش (پاي كونترول) چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مەزگىلدە كۆپ قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئاقسۇنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەبلەغ سېلىش ئىللىق ماكانى، ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇنبەت زېمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، ئاقسۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا كەسىپ تەرەققىياتى ئىستىقبالىغا بەكرەك كۆزىمىز چۈشتى، ئاقسۇنىڭ سودا قىلىشقا ماس كېلىدىغان، سودىگەرلەرگە مايىللاشقان، سودىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى مۇھىتى بىزنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. ئاقسۇدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەڭ زور سەمىمىيىتى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تۈرنىڭ ماكانلىشىشى، كارخانىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا تىلەكداشمەن. ئاقسۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قاتنىشالىغانلىقىمىزدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمىز، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىڭ تۇتۇپ، تۈرنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاقسۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.
ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ فېڭيۈەن سۆھبەتلىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش