ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
تىيانشان تورى- شىنجاڭ گېزىتى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 9-ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جيەنگو ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار.
يېقىندا، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمدا كۆپ نۇقتىدا تارقىلىش ھالىتى كۆرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ- خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بېسىمى سىجىل ئاشتى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، پورتتا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، چېگرا پورتلىرىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا كەلگەنلەرگە قارىتا ئىلتىماس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «چۈشكەن جايدا خېسۇەن تەكشۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىش ئۆتكىلىنى ياخشى ساقلايدۇ. يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىگە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، يۆتكەش، ئايرىپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىنىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تۇتاش پىلانلاپ، «توققۇزغا يول قويماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. بىز ھەر قايسى جايلارنىڭ ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلاپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش