دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-15 10:18:28

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

ئۈرۈمچى تاموژنىسى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى يۇقۇمغا قارشى ئېشىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى داۋاملىق ساقلىغان، 30 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %119.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 110.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئايلىق ئىمپورت - ئېكسپورتتا تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بۇ ئەھۋالغا قانداق قاراش كېرەك؟ ئېشىشنىڭ ئارقىسىدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا يەنە قانداق تەرەققىيات لوگىكىسى گەۋدىلەندى؟

مۇقىم بولۇش: جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ ماس تەرەققىي قىلدى

بۇ يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى سودا تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى سىجىل ئېلان قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 145 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.6 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن 39.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 120 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 44 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ ئىمپورت قىممىتى 24 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 12.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

«ئالدىنقى سەككىز ئايدىكى سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 8 - ئايدا تاشقى سودىنىڭ يۇقۇمغا قارشى ئېشىشى بۇ يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى قوللىنىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ نامايەندىسى، بۇ يىللىق تاشقى سودا جۇغلانمىسىدىكى مۇقەررەرلىك» دېدى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى ۋۇ ۋېي.

شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرى يەنە تېخىمۇ مۇھىم سىگنال قويۇپ بەردى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر يەنىلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولدى، ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %74.4ىنى ئىگىلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تاشقى سودىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %81.5، %62.1، %39.2 ۋە %57.1 ئاشتى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ماس تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.» ۋۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تاشقى سودىسى سىجىل كۈچەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يەتتە ئايدىكى %24.9تىن ئالدىنقى سەككىز ئايدىكى %25.6كە ئۆستى. بۇ سانلىق مەلۇماتنى بۇ ئىككى يىلدىكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي تەرەققىيات مۇساپىسىگە قويۇپ قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز بولغانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى پەرقنىڭ ئۈزلۈكسىز كىچىكلىگەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىت نامايان بولدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

راۋان بولۇش: ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىك پورتنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلدى

شىنجاڭ پورت جەھەتتە چوڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇپ، قۇرۇلۇپ بولغان ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ يۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقان پورتتىن 17سى بار. بۇ پورتلار شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەللىك، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى كۆزنەك.

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك ماللار لىق قاچىلانغان «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ ۋوگزالى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، پولشانىڭ مالاشېۋىچ ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ كۈن دەل ئالاتاۋ پورتىدا تۆمۈريولدا چېگرادىن كىرىپ چىقىشتا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش كەسپىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بىر يىل بولغان كۈن ئىدى.

ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يۆخېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىدە، يەككە قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورتتا ئومۇميۈزلۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلاتىغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت سائەت قىسقىراپ، كارخانىلار ئۈچۈن تىجارەت تەننەرخى تېجەپ بېرىلدى.

ئاپتونوم رايون پورتلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى قاتارلىق سەككىز تارماق 17 پورتتا تاشقى سودا بويىچە قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تولۇق قاپلانغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان 21 ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پورتلاردا قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە تۆت ئايلىق مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېچىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىۋېتىش، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، تېز كىرگۈزۈش، تېز چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پورت مەشغۇلاتىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورت مەشغۇلات ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، پورتنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت ئومۇمىي مىقدارى جەمئىي 18 مىليون 762 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30.3 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈريول پورتىدىن ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.2 ئاشتى، ئالاتاۋ، قورغاس تۆمۈريول پورتىدا قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز قېتىم سانى 8701گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئېشىپ، تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

ئەلا بولۇش: تاشقى سودا قۇرۇلمىسى پۇختا قەدەم بىلەن ئەلالاشتى

«شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئەنئەنىۋى بازار ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار سودىسى زور دەرىجىدە ئېشىش، كۆپ خىل سودا شەكلى ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى سىجىل كۈچەش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولى كۈچلۈك بولۇش، تاۋار قۇرۇلمىسى پۇختا قەدەم بىلەن ئەلالىشىش قاتارلىق يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى» دېدى ۋۇ ۋېي.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 111 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.7 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %76.4ىنى ئىگىلىدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 132 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.7 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90.8ىنى ئىگىلىدى؛ RCEP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)غا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.1 ئاشتى.

ئالدىنقى سەككىز ئايلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى ئاساسلىقى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ۋە ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ جەملىمىسى شىنجاڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %82.6ىنى ئىگىلىدى. ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىكى بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى كېڭەيتىشىدىن مەنپەئەتلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە ئېكسپورت تېز سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت داۋاملىق ساقلاندى.

«بولۇپمۇ لىتىيلىق باتارېيە، توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك تاۋارلارنىڭ ئېكسپورتى زور دەرىجىدە ئاشتى.» ۋۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئېكسپورت تاۋارلىرى ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار كۆپىيىشكە باشلىدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ئاپتونوم رايون تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، دۆلەت تاشقى سودىسى بويىچە سەككىز تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بازىسى قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى سىجىل يېتىلدۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، قەشقەر، ئالاتاۋ، قورغاس، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى جەمئىي 43 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %406.1 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %29.6ىنى ئىگىلىدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، پۇقراۋى كارخانىلار 130 مىليارد 940 مىليون يۈەن ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ياراتتى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.8 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %89.9ىنى ئىگىلىدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاشلا زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.9 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش