دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-15 10:20:32

ما شىڭرۇي مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى   ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بورتالا شەھىرىدىكى بەيگە مەيدانىدا باشلاندى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بورتالا شەھىرىدىكى بەيگە مەيدانىدا باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش سۆزى قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىگە جور بولۇپ، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. نەق مەيداندا «تەنھەرىكەتچىلەر مارشى» جاراڭلىق ياڭرىدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ۋە مۇسابىقە بايرىقى چاسا ئەترىتى، رېپېرلار ۋەكىللىرى چاسا ئەترىتى رەئىس سەھنىسىگە قاراپ ماڭدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن جەمئىي 15 تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، روھى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشتى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. ئارقىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ناخشىسىنىڭ مېلودىيەسىگە جور بولۇپ، مۇسابىقە بايرىقى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.

سائەت 11دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا، ما شىڭرۇي: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى!» دەپ جاكارلىدى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى.

ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بارلىق تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپىرلارنى قارشى ئالدى، بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ بۇ يىل 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قۇدرەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەت. بىز بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان كاتتا مەرىكە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كاتتا مەرىكە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان كاتتا مەرىكە قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، «بورتالا سىزنى قارشى ئالىدۇ» ناملىق ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىلدى. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسسۇللار، لەرزان، يېقىملىق ناخشىلار دوستلۇق كۆۋرۈكى سالدى، مەردانە ۋە قايناق ھېسسىياتنى ئىپادىلىدى.

ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 2000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسىدە، ماھىرلار قامچىلىرىنى ئوينىتىپ، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ بەيگىگە چۈشتى. تۆگە بەيگىسى، قىز قۇۋار، ئات چاپتۇرۇپ خادا يىغىش قاتارلىق ئويۇن كۆرسىتىش تۈرلىرى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەردى.

بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «ئىتتىپاقلىق، ئالغا بېسىش، ئىناقلىق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېما قىلىنىپ، «تور + تور سىرتى»دا مۇسابىقىلىشىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، جەمئىي 16 مۇسابىقە تۈرى، ئون ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەم ئەنئەنىۋى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان تۈرلەر، ھەم يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان خېچيۇ، توققۇز قۇمىلاق ئويۇنى قاتارلىق ھۇزۇرلىنىش خاراكتېرىدىكى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى تۈرلەر بار. مۇسابىقىگە جەمئىي 1752 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ.

زۇمرەت ئوبۇل، سۈن خۇڭمېي، مۇتەللىپ مەتتوختى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش