دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئەتىگەن، كەچتە سوغۇق بولىدۇ! 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8~5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-14 10:03:31

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش 9-ئاينىڭ 13-كۈنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋارايىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8 ~ 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. نۇرغۇن جايلاردا شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇسقا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، ئەتىگەن، كەچتە ئازراق سوغۇق بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا 5 ~ 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، راھەت ھېس قىلىسىز.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچىدە يامغۇردىن كېيىن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى.
مۇخبىر ياڭ ۋېي فوتوسى

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تىيانشاننىڭ شىمالىي يانباغرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، تىيانشاننىڭ شىمالىي يانباغرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭدا 6 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 13 ~ 12 بالغىچە بوران چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، 9 ~ 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 15 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 9 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 4 ~ 3 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، تاغلىق رايونلاردا بۈگۈن كېچە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، ئەتە كۈندۈزدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش