دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-14 10:29:13

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 12:00دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە نۇقتىلىق شەھەرلەردە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى بىرتۇتاش سىناق تەرىقىسىدە بېرىشنى بېكىتتى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

بىرىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش ۋاقتى

2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00دىن سائەت 12:19غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى).

ئىككىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش تۈرى

ئالدىن سىگنال: 36 سېكۇنت بېرىلىپ، 24 سېكۇنت توختىتىلىدۇ، ئۈچ قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: ئالتە سېكۇنت بېرىلىپ، ئالتە سېكۇنت توختىتىلىدۇ، 15 قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

بىكار قىلىش سىگنالى: ئۇدا ئۈچ مىنۇت سىگنال بېرىلىدۇ. ھەربىر تۈردىكى سىگنالنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش دائىرىسى

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بورتالا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، ئالتاي شەھىرى.

بارلىق پۇقرالار خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى تۈرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە پىششىق بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش