دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 176 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-13 10:07:07

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 176 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 19 - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تەييار ماي ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك تىجارەت تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار گوۋۇيۈەننىڭ 9 - قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىش، دەل جايىدا تۈزىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، قەتئىي تۈزىتىپ، ھەممە ئىشنىڭ جاۋابى بولۇش، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن بىر - بىرلەپ تۈزىتىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. سۈرئىتى ئاستا، ئىش بېجىرىشتە ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلغان، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمىغان، ھەتتا قىلىدىغاننى قىلمىغان، قالايمىقان ئىش قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەييار ماي كەسپىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش، بىخەتەر، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشتىكى زۆرۈر تەدبىر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەييار ماينى مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بازار ئىجازىتى ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مەۋقەنى ئۇزاققىچە ئۈنۈم يارىتىشقا قويۇپ، ئىش داۋامىدىكى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەييار ماي بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ۋاقىت بۆلىكى، ئالاھىدە مۇھىم مەيدان - سورۇن، يېزا ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى تەييار ماي بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا بولغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش بويىچە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەييار ماي ئوبوروت ساھەسىدە بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش جەھەتتە ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك تىجارەت تۈرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. كېيىنكى قەدەمدە، ئىسلاھاتنى پۇختا، تەرتىپلىك تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دۆلەت مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى توسۇش كېرەك. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىپ، كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش