دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

8 ـ ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-13 10:15:47

ئالاتاۋ ۋوگزالىنىڭ گۇرۇپپىلاش مەيدانىدا قوزغىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھەمدە باشقا چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان يۈك پويىزلىرى (9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تارتىلغان). يېقىنقى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ھەرقايسى پورتلار ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان نۆۋەتچى يۈك پويىزلىرىنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.□ چېن چيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8 ـ ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 30 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %119.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 110.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت قىممىتى 25 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %122.2 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 4 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %102.7 ئاشقان، ئىمپورت ـ ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىشىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 145 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.6 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن 39.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 120 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 44 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ ئىمپورت قىممىتى 24 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 12.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

8 ـ ئايدا، شىنجاڭدا يۇقۇم كۆرۈلدى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى يۇقۇم مەزگىلىدە تاموژنىدىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، پورتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، «ئالاقە تورى +» توردا مەسلىھەت بېرىش، قەغەزسىز ئىلتىماس قىلىپ تاموژنىدىن ئۆتۈش، ئۇچراشماس شەكىلدە تەكشۈرۈش، يىراق مۇساپىلىك سىنلىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى توردا بېجىرىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئېھتىياجىنى قەتئىي كېچىكتۈرمەي ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ راۋان بولۇشى شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت كەسپىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ غەرب يۆنىلىشلىك ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 8 ـ ئاي بىر ئايدىلا، شىنجاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىدا كۆپ تۈرلۈك بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى: 8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئاسىيا ـ ياۋروپا قۇرۇقلۇق، دېڭىز سودا چوڭ يولى (مىڭگۇۋۇ ـ تيەنجىن . شىئەن ـ ئالمائاتا) ئارقىلىق ياپونىيە، كورېيەنىڭ چېگرادىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللىرى دېڭىز ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى (قەپەزسىمان كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل) بويىچە تۇنجى قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز قورغاس تۆمۈريول پورتىدا چېگرادىن چىقىپ، پۈتۈنلەي يېڭى بىر خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يولى ئېچىلدى؛ 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى دېڭىز ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىن يولغا چىقتى، بۇ نۆۋەتلىك نۆۋەتچى پويىزدىكى ماللار شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۆتەڭ سودىسى ماللىرى ھېسابلىنىدۇ؛ 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدا رۇسىيەنىڭ يېكاتېرىنبۇرگقا قاتنايدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن يولغا چىقتى...

تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس تۆمۈريول پورتىدا قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 8701 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئېشىپ، قاتناش رېكورتى داۋاملىق يېڭىلانغان.

شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، RCEP(رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)غا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، تاشقى سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر قاتارلىق 157 دۆلەت ۋە رايون بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. 8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، قازاقىستاننىڭ 20 توننا ئارپىسى باقتۇ پورتىدىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېشىل يولى ئارقىلىق چېگرادىن كىردى، بۇ، باقتۇ پورتىدىن تۇنجى قېتىم ئارپا ئىمپورت قىلىش بولۇپ، تەكشۈرۈش ـ كارانتىندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، چېگرادىن كىرىپ بەلگىلەنگەن ئاشلىق پىششىقلاش زاۋۇتىغا توشۇلۇپ يەم ـ خەشەك قىلىپ پىششىقلىنىپ سېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش