ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش
جاڭ يۈجو، ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، شۈ يەنخاۋ، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەت بويىچە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنلىق شەكىلدە ئېچىلدى. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس، شۇجىچۇنىڭ 1 - شۇجىسى جاڭ يۈجو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۈ يەنخاۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
جاڭ يۈجو جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن ھەم ئالاقىدار تەرەپلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي بۇرچى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتى، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر تەلىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نىشانى، يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا سىڭدۈرۈلۈشى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش +» يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»قا مۇلازىمەت قىلىپ، «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاقىللار ئامبىرى بايلىقىنى توپلاپ، ئەقلىي كۈچ تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور ۋەزىپە، يادرولۇق تېخنىكا ۋە تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۆزلەپ تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، «ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى قوللاپ، ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى ياردەم قىلىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كۆرسىتىش، تەقدىرلەش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەشكىلىي سەپەرۋەرلىك، تىرەك كاپالىتى قاتارلىق مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ياردەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچى بايلىقىغا تايىنىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىز ۋە سىڭىشىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، پەن، ئىختىساسلىقلار ۋە كارخانىلار ئورگانىك ھەمتۈرتكە بولۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ماسلىشىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئاكادېمىكلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى سەپىرى» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا تەدبىرلىرىنى بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سىستېمىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
خېبېي ئۆلكىلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭگو نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، بىڭتۇەن پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى مېڭ چىڭخەي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇ ۋېي، يىن خاۋ، جاڭ گۇيخۇا قاتارلىق جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە يۈسۈپجان مەمەت، جاڭ گولياڭ، ۋاڭ يۇڭمىڭ، خا زېڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش