دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

شىنجاڭدا شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان بىر تاشيول كۆپىيىدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-08 10:59:50

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى لىنۋېي) 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، G331 لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ- گەنسۇ چېگراسى (خۇڭلىڭ)دىن نوم بازىرىغىچە بولغان تاشيول تۈرىدە يول يۈزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئاسفالت يېيىتىلدى، بۇ تۈردە يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلاش پىلانلاندى، شۇ چاغدا شىنجاڭدا شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان بىر تاشيول يېڭىدىن كۆپىيىدۇ.

قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى خۇڭلىڭ- نوم تاشيولى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئاسفالت يېيىتماقتا.

ياۋ چىڭلۇڭ فوتوسى

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇڭلىڭ- نوم تاشيولى تۈرىنىڭ 50 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە، بىر يېيىتىش ماشىنىسى ئاستا- ئاستا ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول يۈزىگە قاپقارا ئاسفالت يېيىتتى، ئارقىدىنلا يول چىڭداش ماشىنىسى ئالدىغا- كەينىگە مېڭىپ چىڭدىدى، بىر بۆلەك يول يۈزىگە ئاسفالت يېيىتىپ بولۇندى.

«8- ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، تۈر قۇرۇلۇشى يول يۈزىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە ئاسفالت يېيىتىش باسقۇچىغا كىردى، بىز ئۈچ مەشغۇلات دائىرىسى ئاچتۇق، سەككىز يېيىتىش ماشىنىسى، 700دىن ئارتۇق ئىشچى نۆۋەتلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەر كۈنى ئالتە كىلومېتىرلىق يېيىتىش سۈرئىتى بىلەن ئىلگىرىلىدى، ھازىر ئۈستۈنكى يۈز قەۋىتىگە 84.6 كىلومېتىر يېيىتىلىپ، ئۈستۈنكى يۈز قەۋىتىگە يېيىتىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمى تاماملاندى.» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى 11- ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى خۇڭلىڭ- نوم تاشيول تۈرىنىڭ باش ئىنژېنېرى لۇ فېي.

G331 لىنىيەسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى لياۋنىڭنىڭ دەندۇڭدا، شەرقتىن غەربكە قاراپ لياۋنىڭدىن شىنجاڭغىچە ئالتە ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى قابا ناھىيەسىدە. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 169.161 كىلومېتىر كېلىدىغان خۇڭلىڭ- نوم تاشيولى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەك بولۇپ، 2020- يىلى 12- ئايدا ئىش باشلانغان، قوش يۆنىلىشلىك ئىككى ئاپتوموبىل يولى بار 2- دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ.

لۇ فېي مۇنداق دېدى: خۇڭلىڭ- نوم تاشيولى يول يۈزى قەۋىتىگە ئاسفالت يېيىتىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، تۈر بۆلۈمى كۆپ قېتىم يول يۈزى قۇرۇلۇشى مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ، ئاسفالت ئارىلاشتۇرۇش نىسبىتى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ھۈنەر- سەنئىتىنى قايتا- قايتا تەتقىق قىلىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، تېخنىكا ئاساسىنى، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەتىجىسىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەرقايسى ھالقىلارغا چىڭ قادىلىپ، ئاسفالت چىقىرىش تېمپېراتۇرىسىدىن نەق مەيداندا يېيىتىشقىچە بولغان ئىنچىكە ھالقىلارغىچە تىزگىنلەپ، ئاسفالتنى ئارىلاشتۇرۇش، توشۇش، يېيىتىش، چىڭداش قاتارلىق ھالقىلاردا قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە سۈپەت تەلىپىنى قاندۇرۇپ، بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، خۇڭلىڭ- نوم تاشيولىنىڭ يول يۈزى قەۋىتىگە ئاسفالت يېيىتىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتراپىدا يېيىتىش ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ تۈردە يول يۈزىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆي قۇرۇلۇشى، كۆۋرۈك يۈزى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، قاتناش بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش