دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش

جۇڭگو - موڭغۇلىيە پورت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھال سوراش پائالىيىتى توردا ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-08 11:01:47

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو - موڭغۇلىيە پورت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھال سوراش پائالىيىتى توردا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى جياڭ گۇاڭپىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلزات ئەخمەتجان، موڭغۇلىيە دۆلىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېردىنبات سۇخېباتۇر پائالىيەتكە قاتناشتى.

جاڭ گۇاڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت تاغ - دەريالىرى تۇتاش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قوشنا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى موڭغۇلىيە دۆلىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، شىنجاڭنى سۇپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت پورت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ موڭغۇلىيە دۆلىتى بىلەن بايلىق ئېچىش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى، ئادىمىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پائال نەتىجىگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېردىنبات سۇخېباتۇر مۇنداق بىلدۈردى: دوستانە ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە شىنجاڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دوستانە ھەمكارلىق ساھەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى بويىچە ئۇچرىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىگە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

پائالىيەت جەريانىدا، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش فىلىمى قويۇلدى، شىنجاڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەر تونۇشتۇرۇلدى ھەم ھال سوراش ماددىي ئەشيالىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش